Uyghurئاساسىي لۇغەت
كامال
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
گىلەمنىڭ ئۆرۈشلىرىنى يۈرۈشتۈرىدىغان كالتەك.
دۇنيا تارىخى
يەنى ئاتا تۈرك كامال. تۈركىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى (1923 - 1938). ھازىرقى گرېتسىيىنىڭ سالۇنىكا شەھىرىدىكى تۈرك ياغاچ ماتېرىياللىرى سودىگىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1905 - يىلى ئىستانبۇل قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1907 - يىلىدىن كېيىن بىرلەشكەن تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىگە كىرگەن. 1908 - 1909 - يىللاردىكى تۈركىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا، ئىتالىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىغا ۋە بالقان ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1913 - 1914 - يىللىرى بۇلغارىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدار بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېنېرال بولغان ۋە پاشا دېگەن نامغا ئىگە بولغان. جۈنجاڭ، جىتۈەنجۈن قوماندانى بولغان. 1919 - يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1920 ـ يىلى بۈيۈك مىللىي پارلامېنتنىڭ رەئىسى، مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭى، قوشۇمچە مىللىي ئارمىيىبنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1922 - يىلى تۈركىيە ئارمىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئەنگلىيە - گرېتسىيە قوراللىق مۇداخىلىچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1923 - يىلى خەلق پارتىيىسىنى قۇرۇپ چىققان (ياندۇرقى يىلى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى دەپ ئاتالغان). شۇ يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، مەملىكەت ئىچىدە بىر قاتار بۇرژۇئا مىللىي دېموكراتىك ئىسلاھاتنى يولغا قويغان؛ سىرتقا قارىتا تىنچ بىتەرەپلىك سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىكىنى قوغدىغان. 1934 - يىلى <ئانا تۈرك> دەپ نام بېرىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت تولۇقلۇق، كەم - كۈتىسىزلىك، مۇكەممەللىك، كامالەت.
رەھمەت، ئۇكام، يېتىم - يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىغىنىڭىز ئۈچۈن، خۇدايىم كامالىڭىزغا يەتكۈزەر.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. گىلەمنىڭ ئۆرۈشلىرىنى يۈرۈشتۈرىدىغان كالتەك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
يېتۈك، مۇكەممەل، نۇقسانسىز، كەم-كۈتىسىز. باشقا شەكىللىرى: كامالبەگ، كامالجان، كامالخان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
تولۇق يېتىلگۈچى