Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەمىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى؛ ئۇمەرا. پادىشاھ، رەئىس، ھۆكۈمدارلار، ھاكىم، باشلىق، بەگ، پېشىۋا.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بۇيرۇق بەرگۈچى، ھۆكۈمدار، باشلىق، پادىشاھ، خان؛ ئەمىرۇل ئۇمىرا - شاھلارنىڭ شاھى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خانلىق _ پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى.
ئالدىنقى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ھون، تۈرك، ئۇيغۇر ھۈكۈمرانلىرىنىڭ ئاتىلىشى؛ ئىككىنچى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ئىسلام ئەللىرىدىكى ھۆكۈمرۈنلارنىڭ ئاتىلىشى؛ ئۈچىنچى چېكى
خان _ قوزۇق، پۇقرا _ ئوزۇق. ئۆردەك يوق كۆلدە لايخورەك خان بوپتۇ. بەگ بىلەن ئېلىشما، دەرەخ بىلەن چېلىشما. بېگىڭگە يەتكۈچە، بېلىڭنى ئوشاتاي. پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار. بالا بۆشۈكىدىن يىقىلغۇچە، شاھ تەخىتتىن غۇلىسۇن. ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇتەك، ئوغۇرچە.
1 - 76
دۇنيا تارىخى
ئەرەبچە amir نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ھۆكۈمرانلار، شاھزادە - تۆرىلەر، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ نامى. ئەسلى مەنىسى قوماندان، باشلىق دېگەنلىك. ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەردىن تارتىپ، خەلىپە يەنە <ئەمرۇل مۇئمىنىن> (مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقى) دەپ ئاتالغان. ئەرەب ئىمپېرىيىسىگە تەۋە مەمۇرىي ئۆلكىلەرنىڭ باش ۋالىيلىرىمۇ ئەمىر دەپ ئاتالغان. Ⅸ ئەسىردىن تارتىپ، بەزى يېرىم مۇستەقىل ۋە مۇستەقىل بولغان يەرلىك خاندانلىق ھۆكۈمرانلىرىمۇ ئۆزىنى شۇ نام بىلەن ئاتىغان. سالجۇق ئىمپېرىيىسى ۋە مىسىردىكى مەملۇكلەر سۇلالىسى دەۋرىدە يەنە فېئودال خوجىلار ۋە ھەر دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ نامى بولۇپ قالغان. ھازىرقى ئەرەب دۆلەتلىرىدىمۇ شاھزادە، پادىشاھ ياكى خەلىپە شۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز «شاھزادە»، «داھىي»، «سەركەردە»، «قوماندان»، «باشلىق» دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدۇ. ئەمىر دېگەندە دۆلەت باشلىقى ياكى ھەج قىلىش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلارمۇ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئادەتتە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى ئالىي مەرتىۋە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىككىنىچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر «ئەمىرۇلمۇئمىن» (مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى) دەپ ئاتالغان. ئابباسىيلار سۇلالىسىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىمۇ شۇ نامنى قوللانغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى مۇڭغۇللار باغداتنى ئىشىغال قىلغاندىن كېيىن، شەرقتىكى بەزى كىچىك دۆلەتلەرنى پادىشاھلىرىمۇ شۇ نامىنى ئىشلەتكەن. ھازىرقى ماراكەش پادىشاھىمۇ «ئەمىرۇلمۇئمىن» دېيىلىدۇ. بەزى دۆلەتلەر (مەسىلەن، بەھرەين، كۇۋەيت، قاتار قاتارلىق دۆلەتلەر) نىڭ باشلىقلىرى ئەمىر دېيىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تارىخ
خان، پادىشاھ، باش سەركەردە.
ئۇ چوڭ بىر ئەمىرنىڭ قىزى ئىكەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ھەمىر، ئىمىر، مىر
① شەھەر بېگى، ② بۇيرۇق قىلغۇچى، ③ ئاۋات