Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەمىر نىزام
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1808-1852)ئىراندىكى كازار خاندانلىقنىڭ نەسىردىن شاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى باش ۋەزىرى. ئەسلى ئىسمى مىرزاتاجىخان. ئەمىر نىزام دېگەن مەرتىۋە نامى بولۇپ، مەنسى <ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى كىنەز>ياكى <ئارمىيىنى باشقۇرغۇچى كىنەز>دېگەن بولدۇ. ئوردا ئاشپىزى ئائىلسدىن چىققان. ئەزەربەيجان ۋەزىرى بولغان 1848-يىلى باش ۋەزىر قوشۇمچە ئۈچ ئارمىيە قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىل ئىچىدە باب مۇرىتلىرى قوزغىلىڭىنى باستۇرغان؛ بىر قاتار چوڭ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىراننىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئۆستۈرگەن. لېكىن ئىسلاھات فېئودال يۇقىرى قاتلام كۈچلىرىنىڭ ۋە كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇرىغان. 1851-يىلى 11-ئايدا باش ۋەزىرلىك ۋە ئۈچ ئارمىيىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان، ياندۇرۇقى باش ئۆلتۈرۈلگەن. <ئەمىر نىزام ئىسلاھاتى> غا قاراڭ.