—مەنبە
باي
رېۋايەتلەر
ئارا تۈركتىكى «باي» نامى ھەققىدە مۇنداق رېۋايەت بار: ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇنىڭدىن 450 يىللار ئىلگىرى نورۇز ئەزىمەت، پاراڭ روزىمەت قاتارلىق بىرتۇغقان كىشىلەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ باي ناھىيىسىدىن ئىچكىرىگە سودىگەرچىلىك قىلىش ئۈچۈن مېڭىپ، تالتاغ دېگەن جايغا كەلگەندە بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى، ھاۋا كىلىماتى بۇلارغا يېقىپ قېلىپ، شۇ يەردە قونغان، ئىچكىرىدىن قايتقان چاغدىمۇ بۇ يەردە قونۇپ ئۆتكەن. ئۇلار شۇ ۋاقىتلاردا جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن تالتاغقا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق قىلىپ يۈرۈپ، شىمالىي تەرەپتىكى باي دېگەن جاينى كۆرۈپ ھەيران قالغان. چۈنكى، بۇ جاينىڭ بۇلاق سۇلىرى مول، يەرلىرى مۇنبەت ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تالتاغ دېگەن يەردىن بۇ جايغا كۆچۈپ كېلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىنىڭ نامىنى يادئېتىپ بۇ جاينى «باي »دەپ ئاتىغان. ھازىرمۇ بايلىق كىشىلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ، دەپ قارىلىدۇ.