—مەنبە
باي سىجاڭ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
باي سىجاڭ (ئىسمائىل قاسىم ھاجى) 1870 - يىلى ئاقسۇ كونا شەھەرنىڭ بوزدۆڭ كەنتىدە چارۋىچى ئائىلسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى قاسىم ھاجىم دىيانەتلىك، ئەمگەك سۆيەر كىشى بولۇپ، يازدا يايلاقتا، قىشتا چارۋا باققۇچىلىرى بىلەن بىللە تۇراتتى. شۇڭا ئۇنىڭ چارۋا باققۇچىلىرىمۇ خوجايىنغا ساداقەتمەنىدى. قاسىم ھاجى چارۋىچىلىقتا تېز بېيىغاندىن كېيىن كارۋانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. ئوغلى ئىسمائىل ئاخۇن (باي سىجاڭ) دادىسىدەك گەۋدىلىك ساغلام بەدەن ۋە ئەقىللىق بولۇپ يېتىشتى، ئۇ پولگان بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا «ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشقاچنى بىر قولىدا مىلتىق ئېتىپ سوقۇۋېتىدۇ» دېگەن گەپلەر تارقالغان ئىدى. ئىسمائىل ئاخۇن ئۆز كارۋانلىرى بىلەن ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم باردى ۋە كارۋانلارغا شاڭيۇ بولدى. كېيىنرەك پۈتۈن تاغ رايونىنىڭ شاڭيۇسى بولۇپ «باي شاڭيۇ» دەپ ئاتالدى.
باي شاڭيۇ 1932 - يىلى ئاقسۇ تارىخىدا بىرىنچى بولۇپ ناھىيە بازىرىنىڭ غەرب تەرىپىدە «تۆمۈر غازى ئاتا» نامىلىق يېڭىچە مەكتەپ تەسىس قىلدى. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق، تەنتەربىيە سايمانلىرى مۇكەممەل ئىدى، مەكتەپنىڭ دەسلەپكى مۇدىرى خوتەنلىك نۇرمەھەممەت ئېلى دېگەن كىشى ئىدى. كېيىن كىشىلەر بۇ مەكتەپنى باي شاڭيۇنىڭ نامىدا «مەكتىپى ئىسمائىلىيە» دەپ ئاتاشتى. «مەكتىپى ئىسمائىلىيە» 1937 - يىلى ھۆكۈمەت تەمناتىدىكى مەركىزىي مەكتەپكە ئۆزگەرتىدۇ. 1946 - يىلى ئاقسۇ مائارىپىنىڭ بىردىنبىر بۆشۈكى بولغان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن ئەنە شۇ «مەكتىپى ئىسمائىلىيە » ئاساسىدا قۇرۇلغان ۋە تاكى 1973 - يىلىغىچە 27 يىل تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا مەرىپەت ئۇرۇقىنى چاچتى. 1973 - يىلىدىن باشلاپ ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆزگەرتىلدى .
1933 - يىلى، تۆمۈر تۇەنجاڭ ئاقسۇغا كەلگەندە باي شاڭيۇنىڭ سارىيىدا بىر ھەپتىدەك تۇرۇپ، ناھىيە بازىرىدىكى جازانخورلار، گۇرۇھكەشلەر ۋە زىنا خورلارنى جازالاپ، قەشقەرگە مېڭىش ۋاقتىدا باي شاڭيۇنى تۇەنجاڭلىققا تەيىنلىدى. باي تۇەنجاڭ ئاتا - ئانىسىدىن يېتىم قالغان خەنزۇ بالىلىرىدىن بىر قىز، ئۈچ ئوغۇلنى بېقىۋالدى. بۇ بالىلار باي تۇەنجاڭنىڭ كۆيۈمچانلىقى بىلەن توي قىلدى. ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلدى. ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلاشتى. ھازىر بۇ جەمەتنىڭ ئادەم سانى 100 دىن ئاشىدۇ.
باي تۇەنجاڭ خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى مەسلەكداشلىرىغا سادىق بولۇپ، 1933 - يىلى كۈزدە رەقىبى مالۈيجاڭنىڭ سۇيقەستىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن (مالۇيجاڭ باي تۇەنجاڭنى «زىياپەت» چاقىرىش ھىلىسىدىن پايدىلىنىپ يوقاتماقچى بولىدۇ. ئۇ باي تۇەنجاڭنى ئاقسۇغا زىياپەتكە تەكلىپ قىلىپ باغاق كىرگۈزىدۇ. باغاچ ئەكىلىپ بەرگۈچى كىشى باي تۇەنجاڭغا بۇ «زىياپەت» نىڭ ماھىيىتىنى ئېيتىپ قويىدۇ. باي تۇەنجاڭمۇ مالۈيجاڭ ئۈچۈن «زىياپەت» تەييارلاپ مالۈيجاڭنى ئالدى بىلەن «زىياپەت» كە تەكلىپ قىلىدۇ. مالۈيجاڭ ئىشەنچىلىك ئادەملىرى بىلەن ئاقسۇدىن چىقىدۇ. «زىياپەت» ئاخۇنباينىڭ ئاشخانىسىنىڭ 2 - قەۋىتىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. سۆھبەت «زىياپەت» داۋامىدا ما لۈيجاڭنىڭ لۈيجاڭلىق ھوقۇقىنى بىكار قىلىدۇ) ئۆزى لۈيجاڭ بولىدۇ. بۇ ئىش ئاقسۇ ۋە ئاقسۇ كونا شەھەرنى زىل - زىلىگە كەلتۈردى. ئەپسۇسكى، باي تۇەنجاڭ مالۈيجاڭنى ئەسىرگە ئېلىپ، لۈيجاڭلىق ۋەزىپىسى تەبرىكلىنىۋاتقان كۈنى تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردە مازىخۇي (ماجەنساڭ) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
باي تۇەنجاڭ ئەسىرگە ئالغان مالۈيجاڭنى ۋە ئۇنىڭ ئاتارمەن - چاپارمەنلىرىنى قوشۇپ ئاقسۇدىكى ئىنقىلابنىڭ ئولجىسى سۈپىتىدە كۇچارغا ئاپىرىپ خوجىنىياز ھاجىمغا تاپشۇرىدۇ. خوجىنىياز ھاجىم باي لۈيجاڭنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتىنى ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىپ، مالۈيجاڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، باي لۈيجاڭغا سىجاڭلىق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باي سىجاڭغا ئاقسۇ تەۋەسىدىكى 12 تۈەن قارايدۇ. باي سىجاڭ ئاقسۇ دائىرسىدە بىردىنبىر ئاتاقلىق گېنىرال بولۇپ قالىدۇ.
خۇجىنىياز ھاجىم قوشۇنى بىلەن ماخۇسەن، ماجۇڭيىڭ قوشۇنى ئوتتۇرىسىدىكى ئولجا تەقسىم قىلىش جەريانىدا شەكىلەنگەن قورساق ئۇرۇشلىرى، 1934 - يىلىدىكى زىددىيەت، نىزالارنى ئۆزى ئۈچۈن غەنىمەت بىلگەن شېڭ شىسەي توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاشقا تەييارلىنىدۇ. ئاخىرقى كۈنلەردە ھەقىقەتەن، ئىنقىلاب سەركەردىلىرىنىڭ تەقدىرى، سوقۇشۇپ ھالىدىن كەتكەندە ئىنقىلاب مېۋىسى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئوغۇرلاپ كېتىلدى.
1934 - يىلى قىشتا كورلىدىن خوجىنىياز ھاجى قوغلاپ كېلىۋاتقان مافۇيۇەن قوشۇنى باي چېگىرىسىدىن ئۆتكەندە، باي سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى خوجىنىياز ھاجىم ۋە مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، قارايۇلغۇنغا ئۇلارغا توساپ زەربە بېرىشكە بارىدۇ. بۇلار قارايۇلغۇندا مۇستەھكەم پوزىتسىيە تۈزۈپ تۇرغاندا مافۇيۈەن قوشۇنلىرى يېقىنلاپ كېلىدۇ. خوجىنياز ھاجىم باي سىجاڭغا: «سىز ئاۋۇ دۆڭگە چىقىپ دۈشمەن ئەھۋالىنى كۈزىتىپ بېقىڭ» دەيدۇ. باي سجاڭ دۆڭگە چىقىپ دۇربۇن بىلەن باي تەرەپكە قاراۋاتقاندا بىر پاي ئوق ئۇنىڭ ئوڭ يانپىشىنى چېقىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ئوق ئۇنىڭ مەسلەكداشىرىنىڭ قورسىقىدا پەيدا بولغان جىننىڭ ئاشكارىلىنىشى ئىدى. ئوق كەلگەن تەرەپتە باي سىجاڭنىڭ كۈيئوغلى ئابدۇكېرىم بوجاڭ بار ئىدى. باي سىجاڭ يىقىلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىدىن پالۋان بەنجاڭ (مەمتاۋلا ئىبراھىم، سىجاڭنىڭ تاغلىق يۇرتدىشى ئىدى) سىجاڭنى ئاتىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ جامغا ماڭماقچى بولغاندا، ئابدۇكېرىم بوجاڭ ئاچچىقلاپ، «ھەي ھارام تاماق، تاشلا ئاتاڭنىڭ ئۆلۈكىنى، ھېلى جېنىڭنى ئالىمەن!» دەپ قورال تەڭلەيدۇ. پالۋان بەنجاڭ ئامالسىزلىقتىن كۆز يېشى قىلىپ سىجاڭنىڭ نىداسىغا قارىماي، بۆرە تېرە جۇۋىسىنى سالدۇرۇۋېلىپ، سىجاڭنى قارنىڭ ئۈستىگە يۇمۇلىتىۋېتىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئەسكەرلىرى باي سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قوىدىكى قوراللىرىنى، يۈگۈرۈك ئاتلىرىنى تارتىپ ئېلشقا كىرىشكەندە مافۇيۈەن قوشۇنلىرى يېتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجىم قوشۇنلىرى يېڭىلىپ چېكىنىدۇ. باي سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى سەركەردىسىدىن ئايرىلىپ بېشى قايغان تەرەپكە قاراپ كېتىشىدۇ. باي سىجاڭنىڭ مەسلەكداشلىرىنىڭ قورسىقىغا «جىن» پەيدا قىلغان مانا بۇ خىللانغان قوشۇن، باي سىجاڭنىڭ بەخىتسىزلىككە ئۇچرىشى بىلەن توزغاقتەك توزۇپ كېتىدۇ. خوجىنىياز ھاجىم ئاقسۇغا چېكىنىپ ئۈچتۇرپان ئارقىلىق قەشقەرگە ماڭىدۇ.
باي سىجاڭنىڭ قار ئۈستىدە مۇزلاپ شېھىت بولغانلىقىنى ئاڭلىغان دادىسى قاسىم ھاجىم قىرغىز چارۋىچىسى ئاسانئالى قاتارلىقلار بىلەن ئۈچ كۈندە جەسەتنى تېپىپ تۇغۇلغان يۇرتى بۆزدۆڭگە ئاپىرىپ دەپنە قىلىدۇ.