—مەنبە
بىر نان
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا، ھەممىنىڭ ئاۋىلىسىدا، ئادەم قەدىمى باسمىغان دەريا ياقىسىدا بىر ئوتۇنچى بوۋاي ياشايدىكەن. بوۋاي بىكار تۇرمايدىكەن. بوۋاينىڭ بىرلا ئىشىكى بولۇپ، ئوتۇنچىلىق قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. بىر كۈنى بوۋاي تەرگە چومۈلۈپ ئوتۇن يىغىۋاتسا، دەريا ياقىلاپ كېتىۋاتقان بىر يولۇچى توغرا كېلىپ قاپتۇ - دە، بوۋايدىن ھال - ئەھۋال سوراپتۇ. بوۋاي مال - مۈلۈكىنى سۆزلەپ كېلىپ:
- مېنىڭ بۇنداق ياشاۋاتقىنىمغا ئۇزۇن يىللار بولدى، ھەر كۈنى ئۇزۇن يول بېسىپ، بازارغا ئوتۇن ئېلىپ كىرىپ ساتىمەن، ئۇنىڭ بەدىلىگە بىرلا نان كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنۈمگە شۈكرى قىلىپ كېتىپ بارىمەن، - دەپتۇ. بوۋاينىڭ گېپىنى ئاڭلىغان يولۇچى بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ «ئىش قىلساڭ ئاشۇرۇپ قىل» دەپتۇ - دە، يولىغا راۋان بوپتۇ.
بوۋاي يولۇچىنىڭ سۆزىگە ھايران بولۇپ ئويلىنىپتۇ. ئويلىغاندىمۇ ئۇزاق ئويلاپتۇ. ئاخىرى يولۇچىنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىگە چۈشىنىپ، ئۆز - ئۆزىگە: «مەن ئورۇنچىلىق بىلەن ياشىغىنىمغا ئۇزۇن يىللار بولدى، كورمىگىنىم قالمىدى، لېكىن ھەر كۈنى تاپقان بىر ناننى شۇ كۈنىلا يەپ تۈگەتمەي، يىغىپ قوياي، ئوشۇق دولەت باشنى يارماس» دەپ ئويلاپتۇ - دە، شۇ كۈندىن باشلاپ ھەركۈنى چارەك ناننى ئاشۇرۇپ قاپتۇ. كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپ، يىغىلغان نان خېلى كوپىيىپتۇ. بوۋاي نان يىغىشنى زادىلا توختىتىپ قويماپتۇ.
بىر كۈنى دەريا بويىدا بىر قانچە كېمە پەيدا بولۇپ قاپتۇ. بوۋاي ئۇلارغا زەڭ سېلىپ قارىسا، كېمىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھ كىشىلىرى ئىكەن. ئۇلاردىن بىرسى بوۋاينىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يولدىن ئېزىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى، ئوزۇق - تۈزۈكىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ:
- بىز ئوزۇق - تۈزۈك ئالماقچى ئىدۇق، بۇ يەرگە شەھەر قانچىلىك بار؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بۇ يەرگە شەھەر توپ - توغرا بىر كۈنلۈك يول، - دەپ راستىنى ئېيتىپتۇ - دە، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ يىغىپ قويغان نانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ چىقىپ بېرىپتۇ. پادىشاھ كىشىلىرى بوۋايغا ناننىڭ بەدىلىگە ئالتۇن بېرىپ كېتىپ قاپتۇ. بوۋاي ئالتۇننى قوينىغا سېلىپ بازارغا ئاپىرىپ سېتىپتۇ. ئالتۇننىڭ پۇلىغا كەتمەن، گۈرجەك، ئۇرۇق ۋە مېۋىلىك دەرەخ كوچەتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، دەريادىن سۇ چىقىرىپ تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك قىلىشقا باشلاپتۇ. تال، چىغاندىن باشقا نەرسە يوق بۇ دەريا بويىدا ئېتىزلار، باغلار بىنا بولۇپ، بوۋاينىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىتۇ. ئۆيلۈك - ئۇچاقلىق بوپتۇ. ئايلار - يىللار ئۆتۈۋېرىپ، دەريا بويى بىر ئاجايىپ گۈلىستانلىققا ئايلىنىپ قاپتۇ. بارا - بارا بۇ گۈلىستانلىق كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈپ سەيلە قىلىدىغان ئورنىغا ئايلىنىپتۇ. بوۋاينىڭ نامى مۇشۇ گۈلىستانلىق بىلەن ئۆچمەي ساقلىنىپ قاپتۇ.