—مەنبە
نان چۆپ
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوي گۆشى 500 گرام، پىياز 35 گرام، تۇرۇپ 140 گرام، سامساق تۆت چىش، يىسىۋىلەك (بەسەي) 140 گرام، ئاچچىقسۇ 35 گرام، ياغ 105 گرام، كاكچا نان تۆت دانە، پەمىدۇر 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كەرەپشە (چىڭسەي) 70 گرام.
بۇ تاماقنى ياساش ئۇسۇلى <قورۇما>غا ئوخشاش بولۇپ، پەقەت قورۇما تەييار بولغاندا ئاچچىقسۇ قۇيۇپ كاكچا ناننى، چوڭ - كىچىك قىلىپ لېگەنگە ياكى تەخسىگە ئۇشتۇپ، ئۈستىگە پىشقان قورۇمىنى ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ