Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاڭدىڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
چاڭدىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. غەربىي جىن سۇلالىسىدىن تارتىپ ناھىيە بولغان، تاڭ سۇلالىسىدىن چىڭ سۇلالىسىگىچە ۋىلايەت، ئايماق، مەھكىمە تۇرۇشلۇق ئورۇن قىلىنغان. يېڭى تاش قوراللار دەۋرى خارابىسى، تاڭ، مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى سېپىل، سېپىل قوۋۇقى ۋە كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، جۇزى ئىبادەتخانىسى قاتارلىق قەدىمىي يادىكارلىقلار بار. ئىككىنچى قىېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدە، مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى بولغان. ئىنقىلابىي پائالىيەت ئورۇنلىرىدىن فۇجيەن ئۆلكىلىك سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ كونا ئورنى، فۇيىن دوختۇرخانىسى، تۆتىنچى قېتىملىق قورشاپ يوقىتىشقا قارشى تۇرۇش جىددىي يىغىنىنىڭ كونا ئورنى، ج ك پ فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، جياڭشى ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ كونا ئورنى قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن باشقا، چۇ چيۇبەي، خې شۇ خېڭ خاتىرە مۇنارى بار.