Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاڭشا
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
چاڭشا شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر. چىن سۇلالىسى چاڭشا ۋىلايىتىنى تەسىس قىلىپ رەسمىي مەمۇرىي ئورۇنغا ئايلاندۇرغان، ليۇ باڭ چىن سۇلالىسىنى يوقىتىشقا تۆھپە كۆرسەتكەن ۋۇ رۇينى چاڭشانىڭ بەگلىكىگە تەيىنلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن چاڭشا بەگلىكلەرنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. بەش دەۋر، ئون پادىشاھلىق دەۋرىدە10 فېئوداللىق بۆلۈنمە دۆلەتلەرنىڭ بىرى − چۇ دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان. چىڭ سۇلالىسىدىن بۇيان خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلگەن. چاڭشا يەنە ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە باي شەھەر بولۇپ، ماۋ زېدۇڭ، سەي خېسېن، شۈي تېلى قاتارلىق ئىنقىلابچىلار ياش - ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن تارتىپلا بۇ يەردە جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى ئىنقىلابىي كۈرەش بىلەن شۇغۇللانغان. چىڭشۈيتاڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شياڭچۇي رايونلۇق كومىتېتىنىڭ كونا ئورنى، خۇنەن1 - پېداگوگىكا مەكتىپى، چۇەنشەن ئىلىم ئۇيۇشمىسى، خۇنەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىنقىلابىي ئورۇنلار ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلانماقتا. يەنە داڭلىق ماۋاڭدۇي خەن سۇلالىسى قەبرىستانلىقى، لۇشەن ئىبادەتخانىسى، يۆلۇ بىلىم يۇرتى، ئەيۋەن راۋىقى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.