Uyghurئاساسىي لۇغەت
نامازشام قارىغۇسى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، قېرىلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، مېڭىدىن ساقىغان نەزلە ياكى ئاشقازاندىن ئۆرلىگەن بۇخاراتنىڭ تەسىرىدە كۆرۈش قۇۋۋىتى تەدرىجىي ئاجىزلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
سىرتتىن قارىغاندا ھېچقانداق ئۆزگىرىش سېزىلمىسىمۇ، كۈندۈزى ھەرقانداق نەرسىنى نورمال كۆرۈۋېرىش، لېكىن قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن ئادەتتىكى نەرسىلەرنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي كۆرەلمەسلىك ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئېگىر، ئايارەج پەيقىرا، ئارپىبەدىيان، سەئتەر، ھىڭ، زەنجىۋىل 28 گرامدىن، ھەسەل 504 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قارىمۇچ بەش گرام، ئارپىبەدىيان ئۈچ گرام، تاغ تېكىسىنىڭ جىگىرى بىر تال.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
جىگەردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، جىگەرگە سېپىپ، جىگەرنى ئوتقا قاقلاپ، دورىلارغا جىگەرنىڭ سۈيىنى تارتقاندىن كېيىن ئېلىپ قۇرۇتۇپ سوقۇپ، ئۇپا ھالىتىگە كەلتۈرۈپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم سۈرمە ئورنىدا كۆزگە تارتىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، بەلىلە پوستى، ئامىلە، قىزىلگۈل 5.7 گرامدىن، ئارپىبەدىيان 55 گرام، ھەسەل 291 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 گرامدىن ناشتىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.