Uyghurئاساسىي لۇغەت
قارىغۇ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆزى كۆرمەيدىغان.
«ئەما» كىتابىي سۆز.
قارىغۇنى ياردا قىستىماق. قارىغۇنىڭ كەينىگە كىرسەڭ، گوداڭغا يىقىلىسەن. قارىغۇ سوقور ئاتقا مىنگەندەك. سوقۇردىن يول سوراش كەيمەيدۇ. سوقورغا رەھىم كېرەك. كور مۈشۈككە ئۆلۈك چاشقان ئۇچراپتۇ. ئەما قارىم قىراتكە ئۇستا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
كۆرۈش قابىلىتى يوق ياكى ئۇنى يوقاتقان، كور.
قارىغۇ بولماق.
قارىغۇلار يېزىقى.
قارىغۇ ئاڭلىغاننى قويماس، ساغرۇ كۆرگىنىنى قويماس (ماقال).
كۆچمە. نەرسە، ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ماھىيىتىگە يېتەلمەيدىغان، ئەقلى يېتىلمىگەن، ئاڭسىز، بىلىمسىز، ساۋاتسىز.
ـبارغىن ئوغلۇم، ئوقۇغىن، - دېدى ئۇ ئالماسقا، - ئەپەندىلەرمۇ تۈزۈك كىشىلەر كۆرۈنىدۇ. خەت - ساۋاتلىق بولغىن، كۆزى ئوچۇق قارىغۇ بولۇش بىز بىلەن كەتسۇن.