Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاتلانماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<قاتلىماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
ئۇ تىترەۋاتقان قولى بىلەن يانچۇقىدىن قاتلانغان ياغلىقىنى ئالدى.
پۈكۈلمەك، پۈكلەنمەك؛ پۈرۈلمەك، قورۇلماق.
قادىرنىڭ بويۇن گۆشلىرى ئۆكۈزنىڭكىدەك قاتلىنىپ تۇرغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغا <بۇقا> دەپ لەقەم قويۇشقانىدى.
ھەسسىلەنمەك، ھەسسە كۆپەيمەك.
ھەش - پەش دېمەستە بالىنىڭ يېشى ئۈچ قاتلاندى