Uyghurئاساسىي لۇغەت
قانماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قانماق، قاندۇرۇلماق؛ ئىشەندۈرۈلمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۆزى تەلەپ قىلغان، ئېھتىياجلىق بولغان بىرەر ئىشقا، نەرسىگە تويماق، قانائەت ھاسىل قىلماق، قانائەتلەنمەك.
سۇغا قانماق. چايغا قانماق. ئۇيقۇغا قانماق.
يىراقتىكى سۇدا ئۇسسۇزلۇق قانماس (ماقال).
بىرەر مەقسەتكە، مۇرادىغا، ئارزۇ - ئارمانىغا يەتمەك: مۇراد - مەقسىتى ھاسىل بولماق.
نەپسى قانماق. كۆڭلى قانماق.
ئورمىنى تولا ئورۇپ، بىلىكىڭ تالدىمۇ يارىم. ئاز كۈن ئويناپ ئايرىلدۇق، يۈرىكىڭ قاندىمۇ يارىم.