Uyghurئاساسىي لۇغەت
كانت
دۇنيا تارىخى
(1724 - 1804). گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ، گېرمانىيەنىڭ كلاسسىك ئىدېئالسىتىك پەلسەپىسىگە ئاساس سالغۇچى. بوۋىسى شوتلاندىيىلىك، ئۆزى شەرقىي پرۇسسىيەنىڭ كېنىسبېرگ دېگەن جايىدا (روسىيەنىڭ كالېنگراد شەھىرىدە)، ئىگەرچى ئائىسلىدە تۇغۇلغان. 1740 - يىلى كېنىسبېرگ داشۆسىنىڭ پەلسەپە شۆيۈەنىگە كىرىپ ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن توققۇز يىل ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1755 ـ يىلى پەلسەپە دوكتۇرى ئۇنۋاننى ئالغان. كېيىن كېنىسبېرگ داشۆسىنىڭ لېكتورى، پروفېسسورى، پەلسەپە شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى، داشۆنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولغان. 1797 - يىلى پىنسىيىگە چىققان. 1754 - يىلدىن كېيىن كۆپ خىل تەبىئىي پەن ئىلمىي ماقالىلىلىرىنى ئېلان قىلغان. 1775 - يىلى <تەبىئەتنىڭ ئومۇمىي تارىخى ۋە ئاسمان جىسىملىرى نەزەرىيىسى>، <ئالەمنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىن ئومۇمىي بايان> دېگەن ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، قۇياش سىستېمىسىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدكى يولتۇزلار تۇمانى پەرىزىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، قۇياش سېستىمىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ماددىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئوبىكتىپ قانۇنىيىتى بويىچە ھەرىكەت قىلىپ تەرەققى قىلىش جەريانى دەپ قاراپ، تەبىئەت دۇنياسى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىدڭ، تەرەققى قىلىدۇ، دەيدىغان دىئالېكتىك ئىدىيىنى ئىسپاتلاپ، پەلسەپە تارىخىدا ئىنقىلابىي رول ئوينىغان. 1770 - يىلدىن كېيىن پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي نەزەرىيە مەسىلىلىرى تەتقىقاتى بىلەن مەشغۇل بولغان. پەلسەپىدە ماتېرىيالىزم بىلەن ئىدېئالىزمنى كېلىشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئۇ <ئۆزىدىكى نەرسە>(يەنى <ئۆز>) كىشىلەر ئېڭىنىڭ سىرتىدا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇ سەزگۈنىڭ مەنبەسىدۇر، دېگەننى تەشەببۇس قىلسىمۇ، ئەمما <ئۆزىدىكى نەرسە>نى بىلگىلى بولمايدۇ، ئۇ <ئۇ دۇنيالىق، تەجرىبىدىن تاشقىرى> بولىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلغان. ئادەمنىڭ بىلىدىدە ھېس، سەزگۈ ۋە ئەقىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكىل بولىدۇ، ئەقىل ئەڭ ئالىي قائىدە ئۈستىگە قۇرۇلغان. تەپەككۇر قابىلىيىتىدۇر. ھېس بىلەن سەزگۈ <ھادىسە>نى بىلىشكە تەۋە بولۇپ، بۇ ئىككى خىل بىلىش شەكلى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان پەننىي بىلىم پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. ئەمما <ئەقىل>، <ئۆز> نى ئوبىكتىپ قىلىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ بىلىمى چەكلىك بولۇپ، <ئۆزىدىكى نەرسە>نى بىلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، دۇنيا ئىككى ساھەگە بۆلۈنىدۇ: ئۇنىڭ بىرى <ھادىسە> دۇنياسى بولۇپ، سەۋەبىيەت قانۇنىيىتى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ، يەنى <بۇ دۇنيا> دۇر. بۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسە زۆرۈرىيەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ھېس ۋە سەزگۈ بىلەن بىلگىلى بولىدىغان پەننىي بىلىم ساھەسىدۇر. يەنە بىرى ئاتالمىش <ئۆز> دۇنياسى بولۇپ، ئەركىنلىك قانۇنىيىتى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ، يەنى <ئۇ دۇنيا>دىن ئىبارەت بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەقلىي بىلىشى يېتەلمەيدۇ، بەلكى پەقەت ئېتىقاد قىلىشقىلا بولىدىغان ئەخلاق ياكى ئىرادە ساھەسىدۇر، دەپ قارىغان. خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چوقۇم قىياس قىلىش لازىم، شۇنداق قىلغاندىلا زۆرۈرىيەت بىلەن ئەركىنلىكنى كېلىشتۈرۈپ، ئادەمنى ئۆزنىڭ ئەخلاقىنى ئورۇنداش تەبىئىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، دەپ جاكارلىغان. ئىجتمائىي سىياسىي كۆز قاراش جەھەتتە، ئۇ روسسونىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان بولۇپ، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، فرانسىيە ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق بىلدۈرگەن. گەرچە رېئال جەمئىيەتتىن نارازى بولسىمۇ، ئەمما جەمئىيەتنى زورلۇق ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە قەتئىي قارشى تۇرغان. تەسەۋۋۇر قىلغان ئەركىن، باراۋەر جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى، يەنى <غايىۋى جەننەت>، پەقەتلا كۆز يەتسىمۇ قول يەتمەيدىغان ساپ غايىدىن ئىبارەت بولۇپ، پەقەت بىراق <ئۇ دۇنيا>دىلا ئىشقا ئاشىدۇ، دەپ قارىغان. يەنە <ساپ ئەقىل تەنقىدى>، <ئەمەلىيەت ئەقىل تەنقىدى>، <ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى توغرىسىدا تەنقىد"، >مەڭگۈلۈك تىنچىلىق توغرىسىدا<، >ئەخلاق مېتافىزىكىسى<قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
1724 - يىلدىن 1804 - يىلغىچە ياشىغان ئەڭ ئاتاقلىق نېمىس ئىدېئالىستىك پەيلاسوپى، يەنى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى گېرمانىيە ئىدېئالىزمنىڭ كەشپىياتچىسى.