Uyghurئاساسىي لۇغەت
كانا
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەخمەق، دۆت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پارازىت قۇرتلار: ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنى چىقىپ، قېنىنى شوراپ ياشايدۇ.
پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاپتۇ. بۈرگىنىڭ بېشىنى پالتا بىلەن چېپىش لازىم ئەمەس. چۇسا چاقسا، بۈرگىنى ئەسلەيمەن. كانا - مالنىڭ كۈشەندىسى. كۆكۈيۈن ئاتقا ئارام بەرمەيدۇ. سالىجىدەك چاپلاشقاندىن قورق.
بىئولوگىيە
ئۆمۈچۈكلەر سىنىپىنىڭ سالجا - كانىلار ئەترىتىدىكى بىر تۈركۈم. مەددە شەكىللىك كانىلار (Demodicoidea) ۋە پارازىت كانىلار (parasitoidea) دىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ئائىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتە بەدىنى كىچىك، يۇمىلاق ياكى ئوزۇنچاق. كۆپىنچە يالغان باش ۋە گەۋدە قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. پوستى ناھايىتى نېپىز، بەدەن سىرتىدا قىلچىق تۈكلىرى بولىدۇ. ھايات تارىخى تۇخۇم، لىچىنكا كانا، نېمفا كانا ۋە يېتىلگەن قۇرتتىن ئىبارەت بىر قانچە باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە نىمفا كانا يەنە 1 - 3 دەۋردىن ئۆتىدۇ. نىمفا قۇرت بىلەن يېتىلگەن قۇرتنىڭ پۇتى تۆت جۈپ، لىچىنكىنىڭ پۇتى پەقەت ئۈچ جۈپلا بولىدۇ. كانىلارنىڭ ياشاش ئورنى، ئوزۇقلىنىشى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى ئىنتايىن خىلمۇ خىل؛ ئوتلاقلار، تۇپراق ۋە چىرىگەن ئۆسۈملۈك دۆۋىلىرىدە ياشايدىغانلىرى؛ ھايۋانلارنىڭ ئۇۋا - چاڭگىلىرىدا ياكى بەدىنىدە ياشايدىغانلىرى بولىدۇ؛ بەزىلىرىنىڭ لىچىنكىسى پارازىتلىنىدۇ؛ نىمفا ھەم يېتىلگەن قۇرتلىرى بولسا، ئەركىن ھايات كەچۈرىدۇ؛ ئۆسۈملۈك بىلەن ئوزۇقلىنىدىغانلىرى، ئوزۇقلۇق تۇتۇپ يەيدىغانلىرى ياكى قان شورايدىغانلىرى بولىدۇ. ئۆسۈملۈكلەردە پارازىتلىنىدىغانلىرىدىن يوپۇرماق كانىسى بىلەن ھۈررەك كانىسى ئەڭ مۇھىم، مەسىلەن، كېۋەز قىزىل يوپۇرماق كانىسى (كېۋەز قىزىل ئۆمۈچۈكى) ۋە بۇغداي يوپۇرماق كانىسى يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم زىيانداشلىرى ھېسابلىنىدۇ؛ پاراشوك رىككېتسىيە كانىسى ئامبارلاردا ساقلانغان ماددىي بۇيۇملارغا زىيان سالىدۇ؛ ئادەم ۋە ھايۋانلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ كېسەل تارقىتىدىغانلىرىدىن رىككېتسىيە كانىسى، قوتۇر كانىسى ۋە تۈك خالتىسى كانىسى قاتارلىقلار بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
زوئولوگىيە
بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ بىر تۈركۈمى. بەزىلىرى ئادەم ۋە ھايۋانلار تېنىدە ياشاپ، قان شوراش بىلەن كېسەل تارقىتىدۇ. قوتۇر قۇرتلىرى ئەنە شۇ خىل كانىلاردۇر.