—مەنبە
مۇشائىرە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە شېئىر ئېيتىشىش سۆزىدىن
شائىرلار مۇسابىقىسى، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا شېئىر ئېيتىشىشى ياكى يېزىشىشى. مۇشائىرە ئارقىلىق شائىرلارنىڭ ھازىر جاۋابلىق ماھارىتى سىنىلىدۇ. بۇ شەكىلمۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن يازما ئەدەبىياتىمىزغا كىرگەن. كۆپتىن بېرى «ئاخۇن» بىلەن «ئىشان» ھەققىدىكى ئۆزئارا ئېيتىشىش ئامما ئىچىدە ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ، كۆرۈپ باقايلى:
ئاخۇن:
نەفى ئەگەر سۈرەتكە كەلسە
سۈرىتى ئىشان كېلۇر.
قوللىرى ئارا مىسالى
چىشلەرى تىشاڭ كېلۇر.
ئىشان:
نەفىسى ئەگەر سۈرەتكە كەلسە
سۈرىتى ئاخۇن كېلۇر.
گەر «ئېلىپ» نى تارتىۋەتسەڭ
ئارقىسىدىن خۇن كېلۇر.
بۇ شېئىرلاردا كونا جەمئىيەتتىكى ئاخۇن، موللا ۋە سۇپى - ئىشانلارنىڭ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدىغان ئاچكۆزلۈكى كونكرېت ھازىر جاۋابلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن.