Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇشائىرە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە شېئىر ئېيتىشىش سۆزىدىن
شائىرلار مۇسابىقىسى، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا شېئىر ئېيتىشىشى ياكى يېزىشىشى. مۇشائىرە ئارقىلىق شائىرلارنىڭ ھازىر جاۋابلىق ماھارىتى سىنىلىدۇ. بۇ شەكىلمۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن يازما ئەدەبىياتىمىزغا كىرگەن. كۆپتىن بېرى «ئاخۇن» بىلەن «ئىشان» ھەققىدىكى ئۆزئارا ئېيتىشىش ئامما ئىچىدە ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ، كۆرۈپ باقايلى:
ئاخۇن:
نەفى ئەگەر سۈرەتكە كەلسە
سۈرىتى ئىشان كېلۇر.
قوللىرى ئارا مىسالى
چىشلەرى تىشاڭ كېلۇر.
ئىشان:
نەفىسى ئەگەر سۈرەتكە كەلسە
سۈرىتى ئاخۇن كېلۇر.
گەر «ئېلىپ» نى تارتىۋەتسەڭ
ئارقىسىدىن خۇن كېلۇر.
بۇ شېئىرلاردا كونا جەمئىيەتتىكى ئاخۇن، موللا ۋە سۇپى - ئىشانلارنىڭ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدىغان ئاچكۆزلۈكى كونكرېت ھازىر جاۋابلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىر نەچچە شائىر بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر ماۋزۇدا، شۇ ماۋزۇدىكى پىكىرلەرنى راۋاجلاندۇرۇش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان شېئىر ئېيتىشىش مۇسابىقىسى.
ئۇلار ئارىسىدا خۇددى شائىرلار مۇشائىرىسىدەك بىردەم سۆز ئويۇنى بولدى.