Uyghurئاساسىي لۇغەت
كامان
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ياچاق (ئەدەبىي ئەسەرلەردە، خەلق قوشاقلىرىدا ئېگىلىش، قەددى پۈكۈلۈشكە كىنايە قىلىنىدۇ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قەدىمكى بىرخىل جەڭ قورالى.
يادىن ئۈرگۈگەن قاغا ئورماندىنمۇ قورقىدۇ. تىلىڭنى سۆزلەشكە ساز، تەبەر قىل، تىلىڭنى ئوق قىل ۋە ئەقىلنى يا قىل. ياي بەك تارتىلسا سۇنار، ئاي بەك تولسا كەمتۈك بولار. ئاتا كۆرگەن ئوقيا ياسار. ئوق ئاتقان بولساڭ، سادىقىڭنى يوشۇرما. ئاتقىلى ئوق، ئاشىقلىرىڭ كۆكسىنى ھە دەپ، يايىڭغا جانىم قىلىپ قۇربان، سادىقىڭنى ئۆپەي. مەرگەن سەۋر قىلسا، ئەقىلدىن نىشان، كامانغا قايتمايدۇ ئۇچقان ئوق ھېچ ئان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئى. ئوقيانىڭ ئوقتىن باشقا قىسمى، يايى؛ كامالەك.
ئىككى ئاتنىڭ ئارىسى يېقىنلاشقاندا، جامالىدىن تېزلىكتە كامانىنى توغرىلاپ ئوق ئاتتى.
سۈپ. كامالەككە ئوخشاش، ئېگىلگەن، قايرىلما (قاش - قامەت ھەققىدە).
كامان قاشلىرىنى قېقىپ بارادۇر، يۈرەككە ئوتلار يېقىپ بارادۇر.