—مەنبە
ئۇيغۇرلار
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
قۇربان ھېيت كۈنى سەھەردە، ئۇيغۇرلار چىرايلىق بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، چوڭ جامائە ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ، ناغرا ۋە سۇناينىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن قويۇق ئەمگەك پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان ساما ئۇسسۇلى ئوينايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكىتى يېنىك، لەرزان ۋە چىرايلىق بولۇپ، چېۋەر پىرقىراش ھەرىكەتلىرى، ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى بىلەن جاھانغا مەشھۇر. «سەنەم» ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇسسۇل شەكلى، «شادىيانە» بولسا بىر تۈرلۈك ئەلئارا كوللېكتىپ ئۇسسۇل ھېسابلىنىدۇ. مېھماندارچىلىق، ھېيت - بايرام ۋە توي - تۆكۈن قاتارلىق خۇشاللىق كۈنلەردە ئەر - ئايال، قېرى - ياشلار زوق - شوخ بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ.
«ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «بىرلىشىش»، «ھەمكارلىشىش» دېگەنلىك بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تارالغان، بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئاز بىر قىسمى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تاۋيۈەن، چاڭدې قاتارلىق جايلىرىدا ئولتۇراقلاشقان.
ئۇيغۇرلار پاختا رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئەرلەر ئۇدۇل پەشلىك ئۇزۇن تون كىيىدۇ، ئۇنى ئادەتتە «چاپان» دەپ ئاتايدۇ. قىز - ئاياللار كەڭ يەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەكنىڭ ئۈستىگە قارا جىلىتكە كىيىۋالىدۇ. ھازىر كۆپىنچىلىرى كاستۇم - بۇرۇلكا، يوپكا كىيىدۇ. ئەر - ئايال، قېرى - ياشلار تۆت بۇرجەكلىك گۈللۈك باش كىيىم كىيىشكە ئامراق بولۇپ، ئۇنى »دوپپا« دەپ ئاتايدۇ. قىزلار چېچىنى10 نەچچە تال ئۆرۈۋالىدۇ، ئۇزۇن چاچنى گۈزەللىكنىڭ بەلگىسى دەپ بىلىدۇ. يېمەك - ئىچمەكتە ئۇن تائامىنى ئاساس قىلىدۇ، ئەتكەنچاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قوناق ئۇنى ۋە ناننى ئومۇميۈزلۈك ئىستېمال قىلىدۇ. پولۇ ھېيت - ئايەم ۋە مېھماندارچىلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان تاماق ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، قوي گۆشى، قوي مېيى، سەۋزە، يېمىش، پىياز ۋە گۈرۈچ بىلەن ئېتىلىدۇ. قولدا يېيىلىدۇ، تەمى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە، بەكمۇ يېيىشلىك بولىدۇ. ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى كېسەك ۋە لايدىن قوپۇرۇلىدۇ. ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە تۈنۈك قويۇلىدۇ. ئۆيگە مورا چىقىرىلىپ تاماق ئېتىش ۋە ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلىدۇ. تۇرمۇش سەۋىيىسى ئوتتۇراھالدىن يۇقىرى ئائىلىلەرنىڭ قىشلايدىغان ۋە يازلايدىغان ئۆيى ئايرىم بولىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ تىل - يېزىقى بار، قەدىمدە ئۇلار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتكەن، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەن. ئۇيغۇر ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر «قۇتادغۇ بىلىك» داستانى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىق قىممەتلىك مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بار. «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» نى ھەر مىللەت خەلقى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ، ھازىرغىچە كەڭ تارقىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار قەدىمدە شامان دىنى ۋە ئاتەشپەرەسلىك دىنى، بۇددا دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان.11 - ئەسىردىن كېيىن ئاساسلىقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان.
ئۇيغۇرلار ناھايىتى بۇرۇنلا كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا ئۆتكەن. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كىلىماتى قۇرغاق ۋە ئىللىق بولۇپ، ئەزەلدىن «قورۇل سىرتىدىكى جياڭنەن» دېگەن نامى بار. شىمالىي شىنجاڭ سوغۇق بولۇپ، ھۆل - يېغىن كۆپ. ئويمانلىق ئەتراپى ۋە چۆل - جەزىرىلەردە بوستانلىق بەرپا قىلىش — ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بوستانلىقلار يەر ئاستى ئۆستىڭى كارىز ئارقىلىق سۇغىرىلىدۇ. ئاشلىق - زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، شال قاتارلىقلار بار. ئۇيغۇرلارنىڭ كېۋەز ئۆستۈرۈش ۋە باغۋەنچىلىك تەجرىبىسى ئىنتايىن مول. ئۇيغۇرلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك تارىخى ئۇزاق، ھۈنەر - سەنئىتى كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، خوتەننىڭ گىلەم، ئەتلەسلىرى، قەشقەرنىڭ چىمەندوپپىسى جاھانغا مەشھۇر. خوتەن ۋىلايىتىدىن چاقىلىققىچە بولغان جايلاردىن نەپىس قاشتېشى چىقىدۇ.20
- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، ئۇيغۇرلار ئىزچىل فېئودال پومېشىچىك ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇپ كەلگەن، بەزى جايلاردا ھەتتا يانچى - قورۇق تۈزۈمى ساقلانغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن فېئوداللىق تۈزۈم بىكار قىلىنىپ، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىلىشى راۋاجلاندۇرۇلدى، ئۇيغۇر خەلقى پەيدىنپەي گۈللەنگەن ۋە بەختلىك تۇرمۇشقا قەدەم قويدى.