—مەنبە
گۈل خۇمار ئۇيغۇرلار
ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرى
سىز مەيلى ئۇيغۇر خەلق ناخشا - قوشاقلىرىنى ئاڭلاڭ، ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىنى تەكشۈرۈڭ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ گۈلگە باغلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. گۈل - ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستېتىك قارىشىدا خۇشاللىق ۋە بەخت - سائادەتنىڭ ۋە گۈزەللىك نازاكەتنىڭ سىمۋولى. شۇ سەۋەبتىن گۈل سۆيۈش ۋە ئاسراش ئۇلارنىڭ بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادىتىگە ئايلانغان. مەيلى شەھەر، مەيلى يېزىلاردا بولسۇن ھەرقانداق ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ھويلىسىغا ياكى بېغىنىڭ كۆرۈنەرلىك يېرىگە گۈل تېرىيدۇ. ئۇلارنىڭ گۈل ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى. تەشتەكتە گۈل ئۆستۈرۈلىدىغان گۈللەر تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىقلاشقان بولۇپ، قىش - ياز دېگۈدەك پورەكلەپ ئېچىلىپ، خۇش پۇراق ھىدى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. يەنە بىرى، گۈل ئېتىزلىرىدا ئۆستۈرىدۇ. كۆپىنچە يېزىلاردا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ھويلىسى ياكى بېغىدا مەخسۇس گۈل ئېتىزلىرى بولىدۇ. بۇنداق گۈل ئېتىزلىرى ناھايىتى تەكشى بولۇپ، ھەر خىل گۈللەر ئۆز رېتى بويىچە تېرىلىدۇ. ئېتىز گۈللىرى باھار بىلەن تەڭ ھۈپىپىدە ئېچىلىپ، كىشىلەرنىڭ زوقىنى ئۆزىگە تارتىدۇ. ئېتىزدا ئۆستۈرىدىغان گۈللەر ئىچىدە قىزىلگۈل (گۈلسۇرۇخ) ھەر خىل رەڭدە ئېچىلىدىغان ئەتىرگۈللەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار قىزىلگۈلنى ھەقىقەتەن ئەتىۋارلايدۇ ۋە ئۇلۇغلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «قىزىلگۈل دېگەن نەرسە، بېھىشتىن چىققان نەرسە» دېگەن ناخشا ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. ئۇلار قىزىلگۈل ۋە ئەتىرگۈلنى ياۋا جىغانغا ئۇلاش ئارقىلىق يېتىشتۈرىدۇ. قىش كۈنلىرى بۇنداق گۈللەرنى پاخال بىلەن چۈمكەپ يەڭگىل كۆمۈپ قويىدۇ. يەرنىڭ توڭى كۆتۈرۈلگەن مەزگىلدە ئېچىۋېتىدۇ.
ئۇيغۇر ئاياللىرى چېكىسىگە ياكى «مەيدىسىگە گۈل تاقاش» نى ياخشى كۆرىدۇ. ياش ئاياللار ۋە قىزلار گۈل ئېچىلغان پەسىللەردە قۇلىقىغا ياكى چېچىنىڭ ئارىسىغا، يىگىتلەر ۋە بالىلار مەيدىسىگە ياكى قۇلىقىغا پوركلەپ ئېچىلغان گۈللەرنى قىستۇرۇپ، بەخت ۋە خۇشاللىق ئىستىكىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. ئۇششاق تىجارەتچىلەر دۇكىنىغا ياكى ئوقەت غالتىكىنىڭ ئۈستىگە ھۈپپىدە ئېچغان دەستە گۈللەرنى قاداپ خېرىدارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ھازىرمۇ شەھەرلەردە تىجارەت قىلىۋاتقان كاۋاپچىلار، لەڭپۇڭچىلار، دوغاپچىلار ۋە ھۆل يېمىش، قۇرۇق يېمىش ساتقۇچىلارنىڭ غالتەكلىرىدە، ئاشپۇزۇللارنىڭ پەشخۇنلىرىدا كۆرنەرلىك ھالدا قاداپ قويغان گۈل داستىلىرىنى ئۇچىتىسىز.
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئەنئەنىسىدە مەخسۇس گۈل ئۆستۈرۈشنى كەسىپ قىلغان «گۈلچى» لار بولغان. قەدىمكى خانلارنىڭ ئوردىلىرىغا مەخسۇس گۈل ئۆستۈرۈشنى كەسىپ قىلغان «گۈلچى» لار بولغان. قەدىمكى خانلارنىڭ ئوردىلىرىغا مۇشۇنداق «گۈلچى» لار تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇلار گۈل ئۆستۈرۈش ۋە گۈل دەستە تىزىشقا مەسئۇل بولغان. قەشقەر شەھەرىدە گۈلچىلىك كەسپى بىلەن داڭق كۆتۈرگەن ھەزرەتلىك مەرھۇم پايامەت سوپىنىڭ نەچچە ئەۋلادى گۈلچىلىك بىلەن شۇغۇلىنىپ خەلق ئارىسىدا يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.
گۈل - ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ھەمراھى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىدە بىر - بىرىگە گۈل سوۋغا قىلىش ئۆزئارا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشنىڭ بىر خىل ۋاستىسى قىلىنغان. «غېرىپ - سەنەم» داستانىدا غېرىپنىڭ ئىشقى - پىراقىدا دەردكە مۇپتىلا بولۇپ، ساماندەك سارغىيىپ كۈل بولغان سەنەمجان، گۈلچى مۇماي ئارقىلىق غېرىپ يوللىغان بىر دەستە گۈلنى پۇراپ قايتىدىن ھوشىغا كەلگەنلىكى ۋە يار ۋىسالىغا ئېرىشمەككە ئىشەنچ باغلىغانلىقى ... دەك مىساللار ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە گۈلنىڭ قانچىلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇيغۇر يىگىتلىرى ياخشى كۆرۈپ قالغان قىزىغا گۈل سوۋغا قىلىش ئارقىلىق مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشتەك ئادەتلەرمۇ يېزا - قىشلاقلاردا كەڭ ئومۇملاشقان. ئۇيغۇرلار ئۆستۈرىدىغان گۈلنىڭ تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ گۈل تۈرلىرى قىزىلگۈل، ئەتىرگۈل، چىمەنگۈل، سەبدەگۈل، تاجىگۈل، ئانارگۈل، خىنەگۈل، رەيھانگۈل، كېپەزگۈل، تۇخۇمگۈل، تىللاگۈل، سۆگەتگۈل، قاراگۈل، لەيلىقازاقگۈل، مودەنگۈل، قوناقگۈل، لالەگۈل، نامازشامگۈل، سېرىق زەپەر، سېرىنگۈل، تاۋاگۈل، تالگۈل، گۈلسۇرۇخ ... قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ گۈلخۇمار خەلق ئىكەنلىكىنى ئىسملىرىنىڭ ئاخىرىغا ياكى بېشىغا «گۈل» نامىنى قوشۇپ ئادەم ئىسمىلىرى قاتارىدا قوللىنىش ئارقىلىقمۇ ئىپادىلىگەن. بۇ ھال كۆپرەك ئاياللارنىڭ ئىسىمدا گەۋدىلەنگەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تاجىگۈل، رەيھانگۈل، چىمەنگۈل، ئايىمگۈل، گۈلناز، گۈلدۆلەت، گۈلئايىم، مىرزىگۈل، گۈلنىسا، مېھرىگۈل، ھاۋاگۈل، ھەمراگۈل، ئايشەمگۈل ... قاتارلىق ئىسملار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق رايونلاردا ئاتمىش پىرسەنتتىن كۆپرەك ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىغا «گۈل» قوشۇپ ئاتىلىدۇ. ھەتتا بەزى ئەرلەرنىڭ ئىسمىلىرىغىمۇ «گۈل» قوشۇلىدۇ. مەسىلەن، سەيدىگۈل، ئابدۇگۈل دېگەنگە ئوخشاش.
گۈلگە بولغان ئەقىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كەشتىچىلىك قول - ھۈنەر سەنئىتىدىمۇ تولۇق نامايان بولغان، ئۇيغۇر كەشتىىچىلىك سەنئىتىدە ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرىنى نەقىش قىلىپ ئويۇش ئاساسىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلار قول ۋە باش ياقلىقىنىڭ بۇرجەكلىرىگە پۇرەكلەپ ئېچىلىۋاتقان رەڭدار گۈل - چېچەكلەرنىڭ نۇسخىلىرىنى كەشتىلەشتىن باشقا، يەنە ئۆي - ئىمارەتنىڭ تاملىرى ۋە تۈۋرۈكلىرىگە، جاۋەن، ساندۇق قاتارلىق ئوي جاھازىلىرىغا كۆركەم گۈل نۇسخىلىرىنى سىزىدۇ. ئۇلار، گۈل ئەڭ گۈزەل نەرسە، ئۇ بىزگە بەخت ۋە شاد - خۇراملىق ئەكېلىدۇ. دەپ قارايدۇ. (ئا)