Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . قار، پاختا، سۈت رەڭلىك. ئانتونىمى: قارا.
ئاق شېكەر، ئاق قەغەز، ئاق خالات، ئاق خۇن، ئاق مۇم، ئاق چاشقان، ئاق سۇرۇپ. * ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ. * قارا توخۇمۇ ئاق تۇخۇم تۇغىدۇ. (ماقال). * كۆرمەي تۇرۇپ ئاق دېمە، سىنىماي تۇرۇپ ساق دېمە (ماقال).
2 . پاك، گۇناھسىز. ئوغرى ئۆلگۈچە ئۆزىنى ئاق دەيدۇ (ماقال). * _ ئۇ يا ئاق قىل، يا قارا قىل، _ دەپ قاتتىق تۇردى.
3 . بوش، بىكار، ئىشلىتىلمىگەن بىر نەچچە مو يەر ئاق قاپتۇ. * ئۇئىمتىھان قەغىزىنى ئاق تاپشۇرغانىدى. * كىتابتا بىر نەچچە ئاق بەت بار ئىكەن. * ئاق چەك، ئاق تالونلار كىيگەن.
4 . سۈپتە، ئىنچىكە، تازا ... دېگەندەك مەنىلەردە كېلىدۇ. ئاق ئاش، ئاق شورپا، ئاق يېغىن، ئاق كۈن، ئاق نان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئاقماق، ئېقىش. 1 . سۇيۇقلۇق يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ھەرىكەتلەنمەك، تامماق.
يېيىق سۇ ئاستا ئاقىدۇ (ماقال). * تاغ سۈيى تاغدا ئاقىدۇ (ماقال). * بېخىلنىڭ شامى ئاقسا، كۆزىدىن ياش ئاقىدۇ (ماقال).
ناكەستىن سوراپ، ھېچ ئابرويۇڭ تۆكمە،
ئابروينى ئېرىقتا ئاققان سۇ دېمە.
2 . ئۆتمەك، يۈرۈشمەك. بۇدا ئىچكىرىدىن ئېلىپ كەلگەن مېلىمىز ئېقىپ قالدى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باش تارتقان، يۈز ئۆرۈگەن؛ سەركەش؛ قاغىش تەككۈر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاق.
ھەر نەرسىنىڭ ئېقى. باشقا تۈرك قەبىلىرى ئاق بوز ئاتنى « ئاق ئات _ ئاق ئات» دەيدۇ.
ئوغۇزچە.
1 - 110
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاق ساقال ئەر _ ئاق ساقال ئادە،چاچ - ساقىلى ئاقارغان كىشى.
ئوغۇزچە.
1 - 110
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئاق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بۇزۇق، يامان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. پاختا، قار ياكى سۈت رەڭدىكى؛ قارىنىڭ ئەكسى.
ئاق خەسە. ئاق ئۇن. ئاق قەغەز.
ئۇلارنى ئاق خالاتلىق، چىرايلىق بىر قىز ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن قارشى ئالدى.
سۈپ. سىرتى، كۆرۈنۈشى ئاق رەڭگە مايىل.
ئاق يۈزلۈك، ئاق بىلەك. ئاق ئالما.
سۈپ. خەت يېزىلمىغان؛ زىرائەت تېرىلمىغان؛ بىكار، بوش.
ئاق بەت.
ئۇنىڭ يېرى تېرىلماي ئاق قالسا ئەپلەشمەس، بىز ئىشلەپ قويساق دەيمەن.
سۈپ. پاك، گۇناھسىز.
ئوغرى ئۆلگۈچە ئاقمەن دەپ تۇرار (ماقال).
ئى. توغرا، ياخشى ئىش، ھەقىقەت.
ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلماق.
ئى. ئاقارغان تۈك، موي؛ چاچ ۋە ساقالنىڭ ئاقارغان قىسمى.
چاچنىڭ ئېقى.
ساقىلىڭنىڭ ئېقى بار، بالىلىقىڭ تېخى بار.
ئى. كۆزنىڭ قارىچۇقىنى ئوراپ تۇرغان تىنىق رەڭ قىسمى.
كۆزنىڭ ئېقى.
ئى. بەزى كېسەللىك نەتىجىسىدە كۆز قارىچۇقىدا پەيدا بولغان ئېقىش داغ پەردە.
كۆزگە ئاق چۈشمەك.
ئى. تۇخۇمنىڭ ئاقسىل ماددىسى.
تۇخۇمنىڭ ئېقى.
سۈپ. سۇس، ئاققا مايىل.
ئاق يېشىل. ئاق سېرىق.
ئى. ئۆلۈم - دەپنە ئشىلىرىدا مۇسىبەت ئىگىلىرى ماتەم تۇتۇپ باغلايدىغان ئاق رەخت.
مەرھۇمنىڭ يالغۇز قىزى بېشىغا ئاق رومال چىگىپ، بېلىگە ئاق باغلاپ جىنازىنىڭ ئالدىدا ماڭدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئاپئاق، مەسۈم، پاكىز، پاك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئاپئاق، مەسۇم، پاكىز، پاك.