Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاقماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەت يۈرۈشۈپ كەتمەك، راۋان بولماق.
سەمىمىي بولمىغاننىڭ ئىشى ئاقماس، كەمتەر بولمىغاننىڭ ئىشى ئوڭماس. كۆپچىلىك ئالدىدا ئىشىم ئېقىپ قالدى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئەخمەق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پەس تەرەپكە قاراپ سۈرۈلمەك، ھەرىكەتلەنمەك، يۈرۈشمەك.
سۇ جىلغىغا ئاقتى.
توپلىشىپ بىرەر تەرەپكە قاراپ يۈرۈش قىلماق، ماڭماق.
بۈگۈن ئادەتتە نامازغا بارمايدىغانلارمۇ جۈمە مەسچىتى تەرەپكە ئاقتى.
كۆچمە. ئىناۋەتلىك دەپ قارالماق، ئۆتمەك، يۈرۈشمەك.
ئۇنىڭ سۆزى ئامما ئىچىدە خېلى ئاقىدۇ.
سىزماق، ئېرىپ كەتمەك.
بىچارە دەرد ئېيتىدىغان بولسا يۈرەك - باغرى يېشى بىلەن قوشۇلۇپ ئېقىپ كېتىدۇ، زادى … ئۇھ!