Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاداقلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
مەلۇم قاداق ئېغىرلىقتىكى، مەلۇم قاداق كېلىدىغان.
بۇ توپلار قەشقەردە قۇيۇلغان ئاغزىدىن ئوقلىنىدىغان برونزا توپلار ئىكەن، بىرىگە 18 قاداقلىق، يەنە بىرىگە 12 قاداقلىق ئوق چۈشىدىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قادىقى بار، قاداق چۈشكەن، قاداق باسقان.
باغلاردا ئورمانلاردا دەل - دەرەخلەر، سۇ يۈگۈرۈپ بىخ سۈرۈپتۇ غۇدۇر - بۈدۈر. قاداقلىق قوللىرىدا سىيپاپ ئۇنى، كۈلىدۇ بوۋام راسا قىلىپ ھۇزۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قادالغان، قاداپ قويۇلغان: قاداقلىق چىنە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قاداپ قويۇلغان، ئورنىتىلغان.
پارتىزانلارنىڭ ھەممىسى ئۇچىغا نەيزە قاداقلىق مىلتىقلار بىلەن قوراللانغانىدى.
ئۇنىڭ مەيدىسىگە قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان قىزىل پەتتە تېخىچە قاداقلىق تۇراتتى.