Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاداق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئالقاندا ۋە تاپاندا قاتتىق سۈركىلىش - بېسىلىش ئارقىسىدا پەيدا بولىدىغان قاتتىق تېرە.
پۇتقا قاداق چىقماق. * قولنى قاداق باسماق. * دېھقاننىڭ قولى قاداق، ئالىجوقىنىڭ تىلى (تەمسىل) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . رۇسلاردىن كىرگەن ئېغىرلىق ئۆلچەم، 410 گرامغا تەڭ.
2 . قاداقلاپ ئۆلچەيدىغان سايمان.
قادىقىڭنى بېرىپ تۇر.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم(«قادا» غا ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «ق» قوشۇلغان ).
دەز كەتكەن چىنە - چەينەكلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىككى ئۇچى ئىلمەك تۆمۈر مىخ؛
قاداقچى. * چىنىگە قادا سالماق. * قاداق چىنە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
دوپپىنىڭ قادىقى.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قاداق - ئىنگلىز ماسسا بىرلىكى. بۇ ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان قاداق ۋە ئالتۇن سودىسىدىكى قاداق دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان بىر قاداق 0.455 كىلوگرامغا تەڭ، ياكى بىر كىلوگرام 2.520 قاداققا تەڭ. 2240 قاداق بىر ئېنگلىز توننىسىغا؛ 2000 قاداق بىر ئامېرىكا توننىسىغا تەڭ. ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان قاداق ئالتۇن سودىسىدىكى قاداقنىڭ 1.215 ھەسسىسىگە تەڭ بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىق. ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. مىقدارى 454.0 كىلوگرامغا تەڭ كېلىدۇ.
بىر قاداق گۆش. ئۈچ قاداق ماي.
ئى. قاداقلاپ ئۆلچەيدىغان تارازا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نەرسىلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت سۈركىلىشى بىلەن تېرىدىكى مۈڭگۈز قەۋىتىنىڭ ئېشىشى نەتىجىسىدە پۇت ۋە قول ئالىقانلىرى ياكى پۇت بارماقلىرى يۈزىدە پەيدا بولىدىغان قاتتىق ھالەتتىكى ئۇششاق قاپارتقۇ. باسقاندا ئازراق ئاغرىتىدۇ.
قاداق باسماق.// ھارۋىكەش ئەلەم بىلەن مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى - دە، يوغان قاداق ئالىقانلىرىدا ساقىلىنى سىلاپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سۇنغان فارفۇر بۇيۇملىرىنى ياماش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل مىخ. ئادەتتە مىس ياكى تۆمۈردىن ياپىلاق ھەم ئەگمەچ، ئىككى ئۇچى ئۇچلۇق قىلىپ ياسىلىدۇ.
قاداق سالماق.
سۇنغان ئەينەكنى قاداتقان بىلەن قاداق تۇتمايدۇ، ئەمدى مېنى تولا خاپا قىلمىسىلا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسىلىپ، باش كىيىمگە تاقىۋېلىنىدىغان بىر ىىل زىننەت بۇيۇمى.
ئالتۇن قاداق، قاداق دوپپا.