Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۇننىڭ
دۇنيا تارىخى
(1857 - 1922). ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس. 1881-يىلى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1886 - 1891 - يىللىرى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىىڭ تارىخشۇناسلىق ۋە پولېتىكا بويىچە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئاسپرانت بولغان، قوشۇمچە دوتسېنت، پروفېسسور بولغان. 1894 - 1903 - يىللىرى <پولېتىكا پەسىللىك ژۇرنىلى> نىڭ باش تەھرىرلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1904-يىلى لىبېردا لېكسىيە سۆزلەپ، تارىخ ۋە سىياسىي پەلسەپە بويىچە پروفېسسور بولغان. 1913-يىلى ئامېرىكا تارىخشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن جەنۇب بىلەن شىمال ئۇرۇشىدىن كېيىنكى <قايتا گۈللىنىش دەۋرى> تارىخى ۋە ياۋروپا سىياسىي نەزەرىيە تارىخىغا ئائىت تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە بۇ ئىككى جەھەتتە نوپۇزغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ: <1865 - 1877 - يىلللىرىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادنىڭ قايتا گۈللىنىش>، <ئىچكى ئۇرۇش ۋە قايتا گۈللىنىش توغرىسىدىكى ماقالىلەر توپلىمى>، <ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى ۋە ئامېرىكا>، <قەدىمكى زاماندىكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى پولېتىكا تەلىمات تارىخى>، <مارتىن لۇتېردىن مۇنتېسكيۇغىچە بولغان پولېتىكا تارىخى>، <روسسودىن سپېنسېرغىچە بولغان سىاسىي تەلىمات تارىخى> قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.