Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۇنكېركيۇې چېكىنىشى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بىر قېتىملىق زور ھەربىي چېكىنىش ھەرىكىتى بولۇپ، <دىنامو> دېگەن شەرتلىك ئارمىيىسى فرانسىيىگە بېسىپ كىرىپ، ئەنگلىيە - فرانسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. ئەنگلىيىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىدىن تەخمىنەن 400 مىڭ كىشى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا، جانلىق كۈچنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دۇنكېر كيۇئې رايونىغا چېكىنگەن. گېرمانىيە ئارمىيىسى بۇ رايونغا ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇمنى قوزغاشقا تەييارلىنىۋاتقان چاغدا، گىتلېر ئۇشتۇمتۇت گودرىئان تانكا قىسىملىرىغا ئالغا ئىلگىرىلەشنى توختىتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. ئەنگلىيە ئارمىيىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دېڭىز ئارقىلىق چېكىنىش ھەرىكەت پىلانىنى ئىجرا قىلغان. 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە 850 تىن ئارتۇق كرىيسېر ۋە باشقا ھەر خىل پاراخوتلار گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇمىغا قارىماي، 338-مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئىنگلىز بوغۇزىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەنگلىيىگە ئېلىپ بارغان. پەقەت ئارقا مۇھاپىزەتچى قوشۇندىن 40 مىڭ كىشى (فرانسىيە ئارمىيىسىدىن) ئەسىرگە چۈشكەن. بۇ قېتىملىق چوڭ چېكىنىش ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىپ، يېڭىۋاشتىن قوراللىنىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشىغا پايدىلىق بولغان.