Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۇنياغا كەلمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسلى بالا ئانا بالىياتقۇسىدىن چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ، كۆچمە مەنىدە بىرەر تەشكىلاتنىڭ بارلىققا كېلىشىنى بىلدۈرىدۇ.
تۇغۇلغان يەردىن تويغان يەر ياخشى. ئادەم تۇغۇلۇپلا بىلىملىك بولماس. تۇغۇلمىغان تاينىڭ دۈمبىسى يېغىر. دۇنياغا كەپسەن، قۇرۇق كېلىپ، قۇرۇق كەتمە. كەمچىلىكسىز ئادەم تېخى دۇنياغا كەلگىنى يوق. جۇڭگو كومپارتىيىسى 1921 _ يىلى 1 _ ئىيولدا شاڭخەيدە دۇنياغا كەلگەن. ئىتتىن تۆرەلگەن بۆرە بولماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ ياشاشقا باشلىماق.
ئۆلمەك، ۋاپات بولماق، قازا تاپماق، دۇنيادىن كەتمەك، ئالەمدىن ئۆتمەك، جان ئۈزمەك، نەپسى (تىنىقى) توختىماق، كۆز يۇمماق، جان بەرمەك
ھاياتىدىن ئايرىلماق، ياشاشتىن توختىماق.
بىر كۈندە تۇغۇلغان بارماقمۇ تەڭ ئەمەس. ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولماس. مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلدىم. تۆرەلمىسەڭ ئۆلمەيتتىڭ. ئاكام ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا تاپقان. ھۆرمەتلىك سادىروۋ ۋاپات بولدى. ئانام رەھمىتى قۇچىقىمدا جان ئۈزدى. سېمىز ئورۇقلىغىچە، ئۇرۇق جان ئۈزەر. دۇنياغا كەلدىڭ مېھمانسەن، ئاخىر دۇنيادىن كېتىسەن. ئايشەمخان ئاچام بۈگۈن ئالەمدىن ئۆتتى. ئالىيجاناب ئادەم نەپىسى (تىنىقى) توختىغاندىلا ئۆگىنىشنى توختىتىدۇ. جەڭچى ئالدىنقى سەپتە، شائىر يېزىق ئۈستىلىدە، ئارتىس سەھنىدە جان بېرىشى كېرەك. ئاتام مەككە، ئاتام مەككە،
تۇغۇلدۇم بىر كۈن ئۆلمەككە.
ئاتالاردىن مىراس قالغان.
قارا يەرگە كۆمۈلمەككە.