Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى
قانۇنلار
(1971 - يىلى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى پارىژدا تۈزىتىلدى)
توختاملاشقۇچى دۆلەتلەر:
بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەدەبىيات، ئىلىم - پەن ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ نەشر ھوقۇقىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئارزۇسىنى ئاساس قىلىپ؛
دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەمدە دۇنيا ئەھدىنامىسى شەكلىدە بېكىتىلگەن تولۇقلانغان، ئەمما ھازىر تۈرلۈك خەلقئارا تۈزۈملەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان نەشر ھوقۇقى قوغداش تۈزۈمىنىڭ شەخسنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىغا ھەمدە ئەدەبىيات، ئىلىم - پەن ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدىغانلىقىغا ھەقىقەتەن ئىشىنىپ؛
بۇ خىل دۇنيا نەشر ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ۋە خەلقئارالىق چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ؛
بۇ خىل دۇنيا نەشر ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ۋە خەلقئارالىق چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ؛
1952 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى جەنۋەدە ئىمزالانغان <دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى> (تۆۋەندە <1952 - يىل ئەھدىنامىسى> دېيىلىدۇ) گە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۆۋەندىكى كېلىشىم ئالاھىدە ھاسىل قىلىندى:
1 - ماددا توختاملاشقۇچى دۆلەتلەر ئەدەبىيات، ئىلىم - پەن، سەنئەت ئەسەرلىرى - جۈملىدىن يېزىق، مۇزىكا، تىياتىر ۋە كىنو ئەسەرلىرى، شۇنداقلا رەسساملىق، نەققاشلىق ۋە ھەيكەلتىراشلىق - ئاپتورلىرى ۋە باشقا نەشر ھوقۇقى ئىگىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنى تولۇق، ئۈنۈملۈك قوغدايدۇ.
2 - ماددا 1. توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەتنىڭ پۇقراسى نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر ۋە شۇ دۆلەتتە ئالدى بىلەن نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر توختاملاشقۇچى باشقا دۆلەتلەردە ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە ئالدى بىلەن نەشر قىلغان ئەسەرلىرىگە ئوخشاش قوغداشتىن، شۇنداقلا بۇ ئەھدىنامىدە ئالاھىدە يول قويۇلغان قوغداشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
2. توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ نەشر قىلمىغان ھەر قانداق ئەسەرلىرىتوختاملاشقۇچى باشقا دۆلەتلەردە توختاملاشقۇچى باشقا دۆلەتلەر ئۆز پۇقرالىرىنىڭ نەشر قىلىنمىغان ئەسەرلىرىگە ئوخشاش قوغداشتىن، شۇنداقلا بۇ ئەھدىنامە ئالاھىدە يول قويۇلغان قوغداشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
3. بۇ ئەھدىنامىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن مەزكۇر دۆلەتت ئولتۇراقلاشقان ھەر قانداق كىشىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقراسى دەپ قارىسا بولىدۇ.
3 - ماددا 1. توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنىغا ئاساسەن رەسمىيەت بېجىرىشنى - مەسىلەن، كىتاب نۇسخىسىنى تاپشۇرۇش، تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئېلان باشقۇرۇش، گۇۋاھلىق ھۆججەتلىرىنى بېجىرىش، خىراجەت پۇلى تاپشۇرۇش ياكى شۇ دۆلەت ئىچىدە ئىشلەش، نەشر قىلىش قاتارلىقلارنى - تەلەپ قىلىپ ئۇنى نەشر ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ شەرتى قىلغۇچىلارنىڭ مۇشۇ ئەھدىنامىگە ئاساسەن قوغدىلىدىغان ھەمدە مەزكۇر دۆلەت تېرىتورىيىسىنىڭ سىرتىدا تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان، لېكىن ئۇنىڭ ئاپتورى شۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولمىغان بارلىق ئەسەرلەرنى يۇقىرىقى تەلەپكە ئۇيغۇن دەپ قاراش لازىم، پەقەت ئاپتور ياكى نەشر ھوقۇقى ئىگىسى نەشر قىلىشقا ئىجازەت بەرگەن ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان كۈندىن باشلاپ (C) بەلگىسى يېزىلغان ھەمدە نەشر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان تىلى قاتارلىقلار ئىزاھلانغان بولسا، ئۇنى ئىزاھلاش شەكلى ۋە ئورنى جەھەتتە كىشىلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى تەلىپىگە دىققەت قىلىدىغان قىلسىلا بولىدۇ.
2. بۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەتنىڭ شۇ دۆلەتتە دەسلەپ نەشر قىلىنغان ياكى ئۇنىڭ پۇقراسىنىڭ ھەر قانداق جايدا نەشر قىلىنغان ئەسىرىنىڭ نەشر ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان رەسمىيەت بېجىرىش ياكى باشقا شەرتلەر توغرىسىدىكى تەلەپلەرگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك.
3. بۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەتنىڭ تۆۋەندىكىدەك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك: ئەدلىيە ياردىمى بېرىشنى تەلەپ قىلغۇچىلار ئەرز قىلىش ۋاقتىدا تەرتىپ خاراكتېرلىك تەلەپلەرنى بېجىرىشى لازىم، مەسىلەن، ئەرز قىلغۇچى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاقلىغۇچىسى ئارقىلىق سوتقا چىقىشى، ياكى ئەرز قىلغۇچى دەۋا قىلغان ئەسەرنى سوت مەھكىمىسىگە ياكى مەمۇرىي دائىرىلەرگە تاپشۇرۇشى، ياكى ئىككى جايغا تەڭ تاپشۇرۇشى لازىم؛ لېكىن يۇقىرىقى تەرتىپ خاراكتېرلىك تەلەپلەرنى ئورۇندىيالمىغان بولسا، ئۇ نەشر ھوقۇقىنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى لازىم، بەلكى ئەگەر نەشر ھوقۇقىنى قوغداش تەلەپ قىلىنغان جايدىكى دۆلەتنىڭ پۇقراسى بۇنداق تەلەپنى قويمىغان ئەھۋالدىمۇ توختاملاشقۇچى يەنە بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسىغا بۇنداق تەلەپنى تاڭماسلىقى كېرەك.
4. توختاملاشقۇچى دۆلەتلەر توختاملاشقان باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنڭ نەشر قىلىنمىغان قانۇنىي تەدبىرلەر ئارقىلىق قوغدىشى لازىم، بۇنىڭدا رەسمىيەت ئادا قىلىش ھاجەتسىز.
5. ئەگەر توختاملاشقۇچى مەلۇم بىر دۆلەت نەشر ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ بىردىن يۇقىرى مۇددەت چېكى بولۇشقا رۇخسەت قىلغاندا، ئەمما بىرىنچى مۇددەت چېكى 4 - ماددىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ قىسقا مۇددەت چېكىدىن تېخىمۇ ئۇزۇن بولغان بولسا، ئىككىنچى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەشر ھوقۇقى مۇددەت چېكى ئۈستىدە مەزكۇر دۆلەتنىڭ مۇشۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلماسلىق لازىم.
4 - ماددا 1. 2 - ماددىغا ۋە بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەلۇم بىر ئەسەرنىڭ نەشر ھوقۇقىنى قوغداش مۇددەت چېكى شۇ ئەسەرنىڭ نەشر ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان جايدىكى توختاملاشقۇچى دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلىنىشى لازىم.
2. a. بۇ ئەھدىنامە بىلەن قوغدىلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ قوغدىلىش مۇددەت چېكى ئاپتورنىڭ ھايات ۋاقتى ۋە ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى 25 يىلدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. لېكىن ئەگەر توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەت بۇ ئەھدىنامە مەزكۇر دۆلەتتە كۈچكە ئىگە بولغان چاغدا، مەلۇم خىلدىكى ئەسەرنىڭ قوغدىلىش مۇددەت چېكى شۇ ئەسەر تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغاندىن كېيىنكى مەلۇم بىر ۋاقىتقىچە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، بۇ توختاملاشقۇچى دۆلەت ئۆز بەلگىلىمىسىن ساقلاپ قېلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە بۇ بەلگىلىمىنى باشقا خىلدىكى ئەسەرلەرگە كېڭەيتىپ تەتبىقلىسىمۇ بولىدۇ. مۇشۇ خىلدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش مۇددەت چېكى تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 25 يىلدىن كەم بولماسلىقى كېرەك.
b. توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەت بۇ ئەھدىنامە مەزكۇر دۆلەتتە كۈچكە ئىگە بولغان چاغدا ئاپتورنىڭ ھايات ۋاقتىغا ئاساسەن قوغداش مۇددەت چېكىنى تېخى بېكىتمىگەن بولسا، ئەھۋالغا قاراپ ئەسەر تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان كۈندىن ياكى نەشر قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى تىزىملاتقان كۈندىن باشلاپ نەشر ھوقۇقىنى قوغداش مۇددەت چېكىنى ھېسابلاشقا ھوقۇقلۇق، ئەھۋالغا قاراپ ئەسەر تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان كۈندىن ياكى نەشر قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى تىزىملاتقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا نەشر ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش مۇددەت چېكى 25 يىلدىن كەم بولمىسىلا بولىدۇ.
C. ئەگەر توختاملاشقۇچى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ قانۇنىدا ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئۇدا قوغداش مۇددەت چېكىنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلغان بولسا، بىرىنچى قوغداش مۇددەت چېكى مۇشۇ تارماقنىڭ a, b ئىككى تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ قىسقا مۇددەت چېكىنىڭ بىرىدىن قىسقا بولماسلىقى كېرەك.
3. بۇ ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى ياكى ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ؛ لېكىن توختاملاشقۇچى بۇ دۆلەتلەر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى ياكى ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى سەنئەت ئەسەرلىرى قاتارىدا قوغدايدىغان بولسا، يۇقىرىدىكى ھەر بىر خىل ئەسەر ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مۇددەت چېكى ئون يىلدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
4. a. توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەتنىڭ مەلۇم بىر ئەسەرگە بەرگەن قوغدىلىش مۇددەت چېكى توختاملاشقۇچى ئالاقىدار دۆلەتلەر (ئەگەر نەشر قىلىنمىغان ئەسەر بولسا، ئاپتور تەۋە بولغان توختاملاشقۇچى دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر نەشر قىلىنىپ بولغان ئەسەر بولسا، ئەسەر ئالدى بىلەن نەشر قىلىنغان توختاملاشقۇچى دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ) نىڭ قانۇنىدا مۇشۇ ئەسەر تەۋە بولغان شۇ خىلدىكى ئەسەرلەر توغرىسىدا بەلگىلەنگەن قوغداش مۇددەت چېكىدىن ئۇزۇن بولماسلىقى كېرەك.
b. مۇشۇ تارماقنىڭ a تارماقچىسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، ئەگەر توختاملاشقۇچى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى قوغداش مۇددەت چېكىنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلغان بولسا، مەزكۇر دۆلەتنىڭ قوغداش مۇددەت چېكى مۇشۇ مۇددەت چەكلىرىنىڭ يىغىندىسى دەپ قارىلىشى لازىم. لېكىن، ئەگەر يۇقىرىدىكى دۆلەت مەلۇم بىر ئالاھىدە ئەسەرنىڭ نەشر ھوقۇقىنى ئىككىنچى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قانداق مۇددەت چېكى ئىچىدە مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قوغدىمىغان بولسا، توختاملاشقۇچى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىككىنچى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قانداق مۇددەت چېكى ئىچىدە ئۇنى قوغداش مەجبۇرىيىتى يوق.
5. مۇشۇ ماددىنىڭ 4 - تارمىقىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، توختاملاشقۇچى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسىنىڭ توختاملاشمىغان دۆلەتتە تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان ئەسىرى شۇ يازغۇچى تەۋە بولغان توختاملاشقۇچى دۆلەتتە ئالدى بىلەن نەشر قىلىنغان دەپ بىر تەرەپ قىلىنىشى لازىم.
6. مۇشۇ ماددىنىڭ 4 - تارمىقىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، ئەگەر مەلۇم بىر ئەسەر توختاملاشقۇچى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق دۆلەتتە بىرلا ۋاقىتتا نەشر قىلىنغان بولسا، بۇ ئەسەر قوغداش مۇددەت چېكى ئەڭ قىسقا بولغان توختاملاشقۇچى دۆلەتتە ئالدى بىلەن نەشر قىلىنغان دەپ قارىلىشى لازىم. ھەر قانداق ئەسەر ئەگەر تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنىپ 39 كۈن ئىچىدە توختاملاشقۇچى ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق دۆلەتتە نەشر قىلىنغان بولسا، يۇقىرىدىكى توختاملاشقۇچى دۆلەتلەردە بىرلا ۋاقىتتا نەشر قىلىنغان دەپ قارىلىشى لازىم.
4 - ماددا - 2 1. بۇ ئەھدىنامىنىڭ 1 - ماددىسىدا بايان قىلىنغان ھوقۇق ئاپتورنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇقلارنى، جۈملىدىن ھەر قانداق شەكىلدە قايتا ئىشلەشكە، ئاشكارا ئورۇنداشقا ۋە ئاڭلىتىشقا ئىجازەت بېرىش قاتارلىق خاس ھوقۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم. بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىنى مۇشۇ ئەھدىنامە بىلەن قوغدىلىدىغان ھەرخىل ئەسەرلەرگە كېڭەيتىپ تەتبىقلاشقا بولىدۇ، مەيلى ئۇلارنىڭ ئەسلى ئەسەر شەكلىدە بولغان ياكى ئەسلى ئەسەردىن ئۆزگەرگەن ھەر قانداق شەكىلدە بولغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر.
2. لېكىن، توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنىغا ئاساسەن، بۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدا بايان قىلىنغان ھوقۇق توغرىسىدا بۇ ماددىنىڭ روھىغا ۋە مەزمۇنىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇستەسنا بەلگىلىمىلىرىنى چىقارسا بولىدۇ. ئومۇمەن مۇستەسنا بەلگىلىمە چىقىرىشقا قانۇندا يول قويۇلغان توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەت مۇستەسنا بەلگىلىمە چىقارغان تۈرلۈك ھوقۇقلارنى مۇۋاپىق ھەم ئۈنۈملۈك ھالدا قوغدىشى لازىم.
5 - ماددا 1. 1 - ماددىدا بايان قىلىنغان تۈرلۈك ھوقۇقلار ئاپتور تەرجىمە قىلغان ۋە باشقىلارنىڭ تەرجىمە قىلىشىغا ئىجازەت بەرگەن، بۇ ئەھدىنامە بىلەن قوغدىلىدىغان ئەسەرلەرنى، شۇنداقلا يۇقىرىقى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى نەشر قىلىش ۋە نەشر قىلىشقا ئىجازەت بېرىشكە دائىر خاس ھوقۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم.
2. ئەمما، توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنىغا ئاساسەن يازما ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش ھوقۇقىنى چەكلىسە بولىدۇ؛ لېكىن تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك:
a. ئەگەر بىر پارچە ئەسەر تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان ۋاقىتتىن تارتىپ ھېسابلىغاندا يەتتە يىل تولغان، لېكىن تەرجىمە ھوقۇقى ئىگىسى تەرىپىدىن ياكى ئۇنىڭ ئىجازىتى بىلەن، توختاملاشقۇچى دۆلەتتە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان تىل - يېزىقتا تېخى نەشر قىلىنمىغان بولسا، توختاملاشقۇچى دۆلەتنىڭ ھەر قانداق پۇقراسى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى دائىرىلەردىن بۇ ئەسەرنى مەزكۇر دۆلەتتە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان تىل - يېزىققا تەرجىمە قىلىش، تەرجىمە نۇسخىسىنى نەشر قىلىشقا دائىر خاس بولمىغان ئىجازەت گۇۋاھنامىسى ئالسا بولىدۇ.
b . مەزكۇر پۇقرا دۆلەتنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقان ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن تەرجىمە ھوقۇقى ئىگىسىگە تەرجىمە قىلىش ۋە تەرجىمە نۇسخىسىنى نەشر قىلىش تەلىپىنى قويغانلىقى، لېكىن ئىجازەت ئالمىغانلىقى، ياكى خېلى تىرىشىپ كۆرگەن بولسىمۇ ھوقۇق ئىگىسىنى تاپالمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. ئەگەر توختاملاشقۇچى دۆلەتتە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان يېزىققا تەرجىمە قىلىنغان ئىلگىرىكى بارلىق نۇسخىلىرى سېتىلىپ بولغان بولسا، ئۇنىڭغىمۇ ئوخشاش شەرتكە ئاساسەن ئىجازەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىشكە بولىدۇ.
C. ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچى تەرجىمە ھوقۇقى ئىگىسىنى تاپالمىغان بولسا، ئىلتىماسنامىنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى شۇ ئەسەرگە ئىسمى يېزىلغان نەشر قىلغۇچىغا ئەۋەتىپ بېرىشى لازىم، ئەگەر تەرجىمە ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ئېنىقلانغان بولسا، ئىلتىماسنامىنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى تەرجىمە ھوقۇقى ئىگىسى تەۋە بولغان دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ياكى كونسۇل ۋەكىلىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى، ياكى مەزكۇر دۆلەت ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ بەرگەن ئورگانغا تاپشۇرۇپ بېرىشى لازىم. ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى ئىلتىماسنامىنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى ئەۋەتىلىپ ئىككى ئاي تولمىغۇچە تارقىتىپ بېرىشكە بولمايدۇ.
d. تەرجىمە ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئادىل ۋە خەلقئارا ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەققە ئىگە بولۇشىغا، بۇ ھەقنىڭ تۆلىنىشى ۋە يەتكۈزۈلۈشىگە ھەمدە مەزكۇر ئەسەرنىڭ توغرا تەرجىمە قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئىچكى قانۇنىدا مۇناسىپ بەلگىلىمىلەر چىقىرىلىشى لازىم.
e . ئومۇمەن تەرجىمە نۇسخىسى نەشر قىلىنغان قايتا ئىشلەنگەن بۇيۇمغا ئەسلى ئەسەرنىڭ نامى ۋە ئاپتورنىڭ ئىسىم - فامىلىسى بېسىلىشى لازىم. ئىجازەت گۇۋاھنامىسى ئىجازەت گۇۋاھنامىسىگە ئىلتىماس قىلغان توختاملاشقۇچى دۆلەتنىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدە تەرجىمە نۇسخىسىنى نەشر قىلىشقىلا مۇۋاپىق كېلىدۇ، نەشر قىلىنغان بۇنداق قايتا ئىشلەنگەن بۇيۇمنى توختاملاشقۇچى يەنە بىر دۆلەتكە كىرگۈزۈشكە ھەمدە ئۇنىڭ چېگرىسى ئىچىدە سېتىشقا بولىدۇ، مەزكۇر دۆلەتتە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان تىل - يېزىق بىلەن ئەسەرنىڭ تەرجىمىسى بىر خىل يېزىق بولسا ۋە مەزكۇر دۆلەتنىڭ پائالىيىتىدە بۇنداق ئىجازەت توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلغان، ھەمدە ئىمپورت قىلىش ۋە سېتىش مەنئى قىلىنمىغان بولسىلا بولىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقى شەرتلەر بولمىسا توختاملاشقۇچى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ يۇقىرىدىكى تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشى ۋە سېتىلىشى مەزكۇر دۆلەتنىڭ قانۇنى ۋە كېلىشىمىنىڭ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى لازىم. ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى ئىجازەت ئالغۇچىنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە بولمايدۇ.
f. ئاپتور ئەسەرنىڭ بارلىق قايتا ئىشلەنگەن بۇيۇملىرىنى تارقىتىشنى توختاتقاندا، ھەر قانداق ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بېرىشكە بولمايدۇ.
5 - ماددا 2 1. ب د ت چوڭ يىغىنىنىڭ ئادىتىگە ئاساسەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ قارالغان ھەر قانداق توختاملاشقۇچى دۆلەت ئەھدىنامىنى تەستىقلىغان، قوبۇل قىلغان ياكى ئۇنىڭغا قاتناشقان چاغدا، ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قانداق چېسلادا ب د ت مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بىجىرگۈچىسىگە (تۆۋەندە باش ئىش بېجىرگۈچى دېيىلىدۇ) تاپشۇرۇلىدىغان ئۇقتۇرۇشىدا 5 - ماددىنىڭ 3 - ياكى 4 - تارمىقىدىكى مۇستەسنا بەلگىلىمىلەرنى ياكى ئۇنىڭدىكى ھەممە مۇستەسنا بەلگىلىمىلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بايان قىلسا بولىدۇ.
2. بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشنامىنىڭ ھەر قاندىقى ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە بولغان ئون يىل ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ ياكى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنامە تاپشۇرۇلغان چاغدىكى ئون يىل مۇددەتتىن ئېشىپ قالغان ۋاقىت ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ: ئەگەر يولغا قويۇلۇۋاتقان مۇددەت چېكى توشۇشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 ئاي، ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ ئايدا باش ئىش بېجىرگۈچىگە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇلغان بولسا بۇ ئۇقتۇرۇشنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالدا ھەر ئون يىلدا بىر قېتىم ئۇزارتىشقا بولىدۇ. بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تۇنجى قېتىمقى ئۇقتۇرۇشنى ئۇزارتىلغان ئون يىل ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويسىمۇ بولىدۇ.
3. گەرچە بۇ ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدا بەلگىلىمە بولغان بولسىمۇ، 1 - تارماقتا كۆرسىتىلگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ قارىلىشتىن قالغان ھەر قانداق توختاملاشقۇچى دۆلەتنىڭ 1 - ياكى 2 - تارماقتا بەلگىلەنگەندەك ئۆز ئۇقتۇرۇشىنى ئۇزارتىش سالاھىيىتى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆز ئۇقتۇرۇشىنى رەسمىي قايتۇرۇۋالغان - قايتۇرۇۋالمىغانلىقىغا قارالمايدۇ؛ مەزكۇر دۆلەت يولغا قويۇلۇۋاتقان ئون يىللىق مۇددەت چېكى تولغان چاغدا، ياكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ قاراش توختىلىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن 5 - ماددىنىڭ 3 - ۋە 4 - تارمىقىدىكى مۇستەسنا بەلگىلىمىلەرنى قوللىنىش ئىمكانىيىتىنى يوقىتىدۇ.
4. 5 - ماددىنىڭ 3 - ۋە 4 - تارمىقىدىكى مۇستەسنا بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىشلەنگەن ئەسەرنىڭ قايتا ئىشلەنگەن بۇيۇملىرىنى مۇشۇ ماددىغا ئاساسەن تاپشۇرۇۋالغان ئۇقتۇرۇشنامىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددەت چېكى تولغاندىن كېيىن سېتىلىپ بولغۇچە داۋاملىق تارقاتسا بولىدۇ.
5. 13 - ماددىغا بىنائەن ئەھدىنامىنى ئۆزىنىڭ ئەھۋالى 1 - تارماقتا كۆرسىتىلگەن دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتىشى مۇمكىن بولغان مەلۇم دۆلەتكە ياكى جايلارغا تەتبىقلاپ ئۇقتۇرۇش تاپشۇرغان توختاملاشقۇچى دۆلەتلەر مۇشۇ ماددىغا ئاساسەن، شۇ دۆلەت ياكى جايلار ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرىدۇ ياكى ئۇزارتىدۇ. بۇ ئۇقتۇرۇش كۈچكە ئىگە بولغان مەزگىلدە بۇ ئەھدىنامىنىڭ 5 - ماددىنىڭ 3 -ۋە 4- تارمىقىدىكى ئۇ كۆرسەتكەن دۆلەت ياكى جايلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئەسەرنىڭ يۇقىرىدىكى دۆلەت ياكى جايلاردىن توختاملاشقۇچى دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلگەن قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسى 5 - ماددىنىڭ 3 - ۋە 4 - تارمىقىدا ئېيتىلغان ئېكىسپورت دەپ قارىلىشى لازىم.
5 - ماددا3 1. a. ئومۇمەن 5 - ماددا 2 - تارماقنىڭ 1 - تارماقچىسىنى تەتبىقلىغان توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئۈچ يىل ياكى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق مۇددەت چېكىنىڭ ئورنىغا 5 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن يەتتە يىل مۇددەت چېكىنى قويسا بولىدۇ؛ ئەمما مەلۇم بىر ئەسەر تەرجىمە قىلىنغان يېزىق بىر ياكى بىر قانچە تەرەققىي تاپقان دۆلەتتە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلمايدىغان، يەنە كېلىپ يۇقىرىدىكى دۆلەتلەر مۇشۇ ئەھدىنامىدىكى ياكى پەقەت 1952 - يىل ئەھدىنامىسىنى توختاملاشقۇچى دۆلەت بولغان بولسا، يۇقىرىدىكى مۇددەت چېكى ئۈچ يىل ئەمەس، بەلكى بىر يىل بولۇشى لازىم.
b . ئوخشاش بىر تىل - يېزىقنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان بۇ ئەھدىنامىگە ياكى پەقەت 1952 - يىل ئەھدىنامىسىگە قاتناشقان تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بىردەك كېلىشىم ھاسىل قىلىشى ئارقىسىدا، ئەگەر مۇشۇ تىل - يېزىقتا تەرجىمە قىلىش لازىم بولسا، 5 - ماددا 2 - تارماقنىڭ 1 - تارماقچىسىدا ئېيتىلغان بارلىق دۆلەتلەر مەزكۇر كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن ئۈچ يىللىق مۇددەت چېكىنىڭ ئورنىغا قويسا بولىدۇ، لېكىن بىر يىلدىن كەم بولۇشقا بولمايدۇ. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ئەگەر چېتىلىدىغان تىل - يېزىق ئىنگىلىز يېزىقى، فرانسۇز يېزىقى ياكى ئىسپان يېزىقى بولغان بولسا، بۇ تۈردىكى بەلگىلىمە يەنىلا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. بۇ جەھەتتىكى بارلىق كېلىشىملەر باش ئىش بېجىرگۈچىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇلۇشى لازىم.
C . ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنىڭ تارقىتىلىشىدا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ يولغا قويۇۋاتقان بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ تەرجىمە ھوقۇقى ئىگىسىگە ئىجازەت بېرىش تەلىپىنى قويغانلىقى، لېكىن ئىگە بولالمىغانلىقى ياكى خېلى تىرىشىپ كۆرگەن بولسىمۇ يەنىلا ھوقۇق ئىگىسىنى تاپالمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى لازىم. ھوقۇق ئىگىسىگە بۇ تەلەپنى قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلتىماس قىلغۇچى يەنە بۇ ئىلتىماسنى ب د ت مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەسىس قىلغان خەلقئارا نەشر ھوقۇقى ئاخبارات مەركىزىگە ياكى نەشر قىلغۇچىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت ئورنى تۇرۇشلۇق توختاملاشقۇچى دۆلەت ھۆكۈمىتى باش ئىش بېجىرگۈچىگە تاپشۇرغان ئۇقتۇرۇشنامىدە كۆرسىتىلگەن ھەر قانداق دۆلەت ياكى رايوندىكى ئاخبارات مەركىزىگە ئۇقتۇرۇشى لازىم.
d . ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچى تەرجىمە ھوقۇقى ئىگىسىنى تاپالمىغان بولسا، ئايروپىلان پوچتا زاكازى ئارقىلىق ئىلتىماسنامىنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى مەزكۇر ئەسەردە نامى يېزىلغان نەشر قىلغۇچىغا ئەۋەتىپ بېرىشى ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ تارماقنىڭ C تۈرىدە كۆرسىتىلگەن ھەر قانداق دۆلەت ياكى رايوندىكى ئاخبارات مەركىزىگە ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن مەركەز بولمىسا، ئۇ ئىلتىماسنامىنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى ب د ت نىڭ مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەسىس قىلغان خەلقئارا نەشر ھوقۇقى ئاخبارات مەركىزىگە يوللىشى لازىم.
2. a . بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۈچ يىلدىن كېيىن ئىرىشكىلى بولىدىغان ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى يەنە ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن تارقىتىشقا بولىدۇ، بىر يىلدىن كېيىن ئېرىشكىلى بولىدىغان ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى يەنە توققۇز ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن تارقىتىشقا بولىدۇ، بۇ يۇقىرىدىكى ئالتە ئاي ياكى توققۇز ئايلىق مۇددەتنى 1 - تارماقنىڭ C تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجازەت گۇۋاھنامىسىگە ئىلتىماس قىلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلاش لازىم، ئەگەر تەرجىمە ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتى، ئادرېسى ئېنىق بولمىسا، 1 - تارماقنىڭ d تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماسنامىنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى تارقىتىلغان كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلاش لازىم.
b. تەرجىمە ھوقۇقى ئىگىسى ئۆزى ياكى ئىجازەت ئالغان باشقىلار يۇقىرىدىكى ئالتە ئاي ياكى توققۇز ئاي ئىچىدە تەرجىمە ئەسىرىنى نەشر قىلغان بولسا، قايتا ئىجازەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىشكە بولمايدۇ.
3. بۇ ماددىدا كۆرسىتىلگەن ھەر قانداق ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنىڭ تارقىتىلىشى ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش ياكى تەتقىقاتتا ئىشلىتىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
4. a . مۇشۇ ماددىغا ئاساسەن تارقىتىلغان ھەر قانداق ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى ئەسەرنىڭ قايتا ئىشلەنگەن بۇيۇملىرىنى ئېكىسپورت قىلىشىچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئىجازەت گۇۋاھنامىسى ئىجازەت گۇۋاھنامىسىگە ئىلتىماس قىلغان مەزكۇر دۆلەت زېمىنى ئىچىدە نەشر قىلىشقىلا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
b . مۇشۇ ماددىغا ئاساسەن ئىجازەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىلىپ نەشر قىلىنغان بارلىق ئەسەرنىڭ قايتا ئىشلەنگەن بۇيۇملىرىغا ئالاقىدار تىل - يېزىق ئۇقتۇرۇشى يېزىلىپ ئەسەرنىڭ قايتا ئىشلەنگەن بۇيۇملىرىنى پەقەت ئىجازەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەرگەن توختاملاشقۇچى دۆلەت ئىچىدىلا تارقىتىشقا بولىدىغانلىقى ئىزاھلىنىشى لازىم. ئەگەر مەزكۇر ئەسەردە 3 - ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئېلان بېسىلغان بولسا، شۇ تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ ھەر قايسى پارچىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش ئېلان بېسىلىشى لازىم.
C . توختاملاشقۇچى مەلۇم دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ياكى باشقا تەشكىلاتلىرى مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەلۇم بىر ئەسەرنى ئىنگىلىز تىلى، فرانسۇز تىلى، ئىسپان تىلىدىن باشقا بىر خىل يېزىقتا تەرجىمە قىلىش توغرىسىدا ئىجازەت گۇۋاھنامىسى تارقاتقان، لېكىن مەزكۇر ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ياكى ئاممىۋى تەشكىلات يەنە بىر دۆلەتكە يۇقىرىدىكى ئىجازەت گۇۋاھنامىسىگە ئاساسەن تەييارلاپ قويغان تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسىنى يوللىغان بولسا، بۇ ماددىنىڭ a تارماقچىسىدىكى ئېكىسپورت قىلىشنى مەنئى قىلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، ئەگەر مەنئى قىلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، ئەگەر
(1) تاپشۇرۇۋالغۇچى ئىجازەت گۇۋاھنامىسى تارقاتقان توختاملاشقۇچى دۆلەتنىڭ پۇقراسى ياكى مۇشۇ دۆلەت پۇقرالىرىدىن تەركىب تاپقان تەشكىلات بولغان بولسا؛
(2) ئەسەرنىڭ قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسى پەقەت ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش ياكى تەتقىقات ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدىغان بولسا؛
(3) ئەسەرنىڭ قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسى تاپشۇرۇۋالغۇچىغا ئەۋەتىلگەندە ۋە ئۇنى پارچىلاپ تارقاتقاندا، ھېچقانداق تىجارەت قىلىپ پايدا ئېلىش خاراكتېرى بولمىغان بولسا؛
(4) ئەسەرنىڭ قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسى ئەۋەتىلگەن دۆلەت بىلەن توختاملاشقۇچى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇ خىل ئەسەرنىڭ قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسى قوبۇل قىلىشنى ياكى تارقىتىش، تەستىقلاش ياكى ھەر ئىككىسىنى بىرلا ۋاقىتتا تەستىقلاش توغرىسىدا كېلىشىم بولۇپ، ھەر قانداق بىر تەرەپ ھۆكۈمىتى مەزكۇر كېلىشىمنى باش ئىش بېجىرگۈچىگە ئۇقتۇرغان بولسا.
5. دۆلەت دائىرىسىدە مۇۋاپىق بەلگىلىمە چىقىرىپ، مۇنۇلارغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ:
a . ئىجازەتنامىنىڭ تارقىتىلىشىغا مۇۋاپىق ھەق بېرىش، بۇ خىل ھەق ئالاقىدار ئىككى دۆلەت شەخسلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سۆھبەتكە دائىر ئىجازەت گۇۋاھنامىسى ئۈچۈن ئادەتتە تۆلىنىدىغان نەشر بېجى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم؛
b . بۇ ھەقنىڭ تۆلىنىشى ۋە يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئەگەر دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوتنى باشقۇرۇشى مەۋجۇت بولغان بولسا، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى دائىرىلەر خەلقئارا ئاپپاراتلار ئارقىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى ئىشقا سېلىپ بۇ ھەقنىڭ خەلقئارادا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان پۇل ياكى شۇنىڭغا تەڭ قىممەتتىكى پۇل ئارقىلىق يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
6. ئەگەر مەلۇم بىر ئەسەرنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى تەرجىمە ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئۆزى ياكى ئۇ ئىجازەت بەرگەن باشقىلار تەرىپىدىن توختاملاشقۇچى مەلۇم بىر دۆلەت ئىچىدە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان، ئۇنىڭ يېزىقى مەزكۇر دۆلەتتە نەشر قىلىشقا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىنغان نۇسخا بىلەن ئوخشاش بولغان، مەزمۇنىمۇ ئوخشاش بولغان، باھاسىمۇ مەزكۇر دۆلەتتىكى ئوخشاش خىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ باھاسى بىلەن تەڭ بولغان بولسا، مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن يۇقىرىدىكى توختاملاشقۇچى دۆلەت تارقىتىپ بەرگەن ئىجازەت گۇۋاھنامىسى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن توختىتىلىشى لازىم. ئىجازەت گۇۋاھنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى نەشر قىلىنىپ بولغان ئەسەرنىڭ قايتا ئىشلەنگەن بۇيۇملىرىنى سېتىلىپ بولغۇچە تارقىتىشقا بولىدۇ.
7. ئاساسلىقى رەسىمدىن تەركىب تاپقان ئەسەرلەرنىڭ يېزىقىنى تەرجىمە قىلىش ۋە رەسىملىرىنى قايتا ئىشلەش ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى 5 - ماددا 4 - تارماقتىكى شەرتلەر ئادا قىلىنغان ئەھۋالدىلا تارقىتىپ بېرىشكە بولىدۇ.
8. a . باسما شەكىلدە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا شەكىلدە قايت ئىشلەپ نەشر قىلىنغان، مۇشۇ ئەھدىنامە بىلەن قوغدىلىدىغان بىر ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشقا تارقىتىپ بېرىلىدىغان ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى باش شىتابى 5 - ماددا 2 - تارماقنى تەتبىقلايدىغان توختاملاشقۇچى دۆلەتتە بولغان ئاڭلىتىش ئاپپاراتىنىڭ مەزكۇر دۆلەتكە قويغان تەلىپىگە ئاساسەن مەزكۇر ئاڭلىتىش ئاپپاراتىغا تارقىتىپ بېرىشكىمۇ بولىدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم:
(1) تەرجىمىسى توختاملاشقۇچى دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن ھەمدە ئىگە بولغان قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان بولۇش؛
(2) تەرجىمىسى پەقەت ئوقۇتۇش ئاڭلىتىشى ياكى مۇئەييەن كەسىپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرگە مەخسۇس تېخنىكا ياكى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاڭلىتىشى ئۈچۈنلا ئىشلىتىلگەن بولۇش؛
(3) تەرجىمىسى مەخسۇس 2 - تارماقچىدا كۆرسىتىلگەن مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ھەمدە توختاملاشقۇچى دۆلەت چېگرىسى ئىچىدىكى ئاڭلىغۇچىلارغا قانۇنلۇق ئاڭلىتىلىدىغان بولۇش، جۈملىدىن مەخسۇس مۇشۇ ت تۈردىكى ئاڭلىتىش مەقسىتىدە ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئېلىش ۋاستىسى ئارقىلىق قانۇنلۇق ئىشلەنگەن ئاڭلىتىش بولۇش؛
(4)تەرجىمىنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ياكى سىنئالغۇ لېنتىسىغا ئېلىنىشى پەقەت شىتابى ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى تارقاتقان توختاملاشقۇچى دۆلەتتە تەسىس قىلىنغان ئاڭلىتىش تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىلا ئالماشتۇرۇلىدىغان بولۇش؛
(5) بارلىق تەرجىمىنىڭ ئىشلىتىلىشى ھېچقانداق تىجارەت قىلىپ پايدا ئېلىش خاراكتېرىدە بولمىغان بولۇش.
b . a تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن بارلىق مىزان ۋە شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بولسىلا، ئالىي، ئوتتۇر، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئىشلەنگەن ۋە نەشر قىلىنغان كۆرۈش، ئاڭلاش دەرسلىكلىرىدىكى بارلىق تېكىستلەرنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن ئاڭلىتىش ئاپپاراتلىرىغا ئىجازەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىشكىمۇ بولىدۇ.
C . بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش شەرتى ئاستىدا، مۇشۇ ماددىغا ئاساسەن تارقىتىلغان ھەر قانداق ئىجازەت گۇۋاھنامىسى 5 - ماددىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى لازىم؛ 5 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن يەتتە يىللىق مۇددەت چېكى تولغان تەقدىردىمۇ يۇقىرىدىكى ئىجازەت گۇۋاھنامىسى 5 - ماددىدىكى ۋە بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە داۋاملىق ئۇچرىشى لازىم. لېكىن، يۇقىرىدىكى مۇددەت چېكى توشقاندىن كېيىن ئىجازەت گۇۋاھنامىسى ئىگىسى 5 - ماددىنىڭلا چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان يېڭى ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى يۇقىرىدىكى ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشىنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
5 - ماددا 4 1. ئومۇمەن 5 - ماددا 2 - تارماق 1 - تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلايدىغان توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەت تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ:
a . (1) بۇ ماددىنىڭ 3 - تارمىقىدا بايان قىلىنغان ئەدەبىيات، ئىلىم - پەن ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ مۇئەييەن نۇسخىسى تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا C تارماچىدا بەلگىلەنگەن مۇددەت چېكى تولغان چاغدا، ياكى
(2) توختاملاشقۇچى دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىغاندا تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەت چېكى توشقان چاغدا، ئەگەر مەزكۇر نۇسخىدىكى ئەسەرنىڭ قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسىنىڭ قايتا ئىشلەش ھوقۇقى ئىگىسى بولمىغان ياكى ئۇ ئىجازەت بەرگەن ئەھۋالدا، كەڭ جامائەتنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شۇنىڭغا ئوخشاش خلدىكى ئەسەرلەر مەزكۇر دۆلەتتە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان باھادا مەزكۇر دۆلەتتە سېتىلغان بولسا، مەزكۇر دۆلەتنىڭ ھەر قانداق پۇقراسى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى دائىرىلەرگە ئىلتىماس قىلىپ خاس بولمىغان ئىجازەت گۇۋاھنامىسى ئېلىپ شۇ باھادا ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن باھادا مەزكۇر نەشر نۇسخىسىنى قايتا ئىشلەپ ۋە نەشر قىلىپ ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشىنى تەمىنلىسە بولىدۇ. ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىشتا پۇقرا مەزكۇر دۆلەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ ھوقۇق ئىگىسىگە ئەسەرنى نەشر قىلىش تەلىپىنى قويغانلىقى، لېكىن ئىجازەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكى، ياكى تىرىشىپ كۆرگەن بولسىمۇ ھوقۇق ئىگىسىنى تاپالمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى لازىم. ھوقۇق ئىگىسىگە بۇ تەلەپنى قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلتىماس قىلغۇچى يەنە بۇ ئىلتىماسنى ب د ت مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەسىس قىلغان خەلقئارا نەشر ھوقۇقى ئاخبارات مەركىزىگە ياكى d تارماقچىدا بايان قىلىنغان ھەر قانداق دۆلەت ياكى رايوندىكى ئاخبارات مەركىزىگە ئۇقتۇرۇشى لازىم.
b . ئوخشاش شەرتكە ئاساسەن ئىجازەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىشقىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىجازىتى ئارقىلىق ئىشلەنگەن مەزكۇر نەشر نۇسخىسىدىكى ئەسەرنىڭ قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسىنىڭ مەزكۇر دۆلەتتە سېتىلىپ بولغىنىغا ئالتە ئاي بولغان، مەزكۇر دۆلەتتە ئوخشاش خلدىكى ئەسەرگە قويۇلغان تەلەپتىكى باھادا كەڭ جامائەتنىڭ ياكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشنى تەمىنلىگىلى بولمىغاندا،
C . بۇ تارماقنىڭ a تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن مۇددەت چېكى بەش يىل بولىدۇ. لېكىن
(1) ماتېماتىك ۋە تەبىئىي پەن ھەم تېخنىكىغا دائىر ئەسەرلەرنىڭ بولسا ئۈچ يىل بولىدۇ؛
(2) ھېكايە، شېئىر، تىياتىر ۋە مۇزىكا ئەسەرلىرى ھەم گۈزەل سەنئەت كىتابلىرىنىڭ بولسا يەتتە يىل بولىدۇ.
d . ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچى قايتا ئىشلەش ھوقۇقى ئىگىسىنى تاپالمىغان بولسا، ئايروپىلان پوچتا زاكازى ئارقىلىق ئىلتىماسنامىنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى مەزكۇر ئەسەرگە نامى يېزىلغان نەشر قىلغۇچىغا ۋە نەشر قىلغۇچىنىڭ ئاساسىي كەسپىي مەركىزى تۇرۇشلۇق دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ مەقسەتتە باش ئىش بېجىرگۈچىگە تاپشۇرغان ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلگەن ھەر قانداق دۆلەت ئىچىدىكى ياكى خەلقئارادىكى ئاخبارات مەركىزىگە ئەۋەتىپ بېرىشى لازىم. ئەگەر يۇقىرىدىكى ئۇقتۇرۇشنامىسى بولمىسا، ئۇ ئىلتىماسنامىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى ب د ت مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەسىس قىلغان خەلقئارا ئاخبارات مەركىزىگە تاپشۇرۇشى لازىم. ئىلتىماسنامىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ئەۋەتىلگەن كۈنىدىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئىجازەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىشقا بولمايدۇ.
e . تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا، مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۈچ يىلدىن كېيىن ئېرىشكىلى بولىدىغان ئىجازەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىشقا بولمايدۇ:
(1) مۇشۇ تارماقنىڭ a تارماقچىسىدا بايان قىلىنغان ئىجازەت گۇۋاھنامىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان كۈنىدىن ھېسابلىغاندا ئالتە ئاي توشمىغانلارغا ياكى قايتا ئىشلەش ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتى، ياكى ئادرېسى ئېنىق بولمىغان بولۇپ، مۇشۇ تارماقنىڭ b تارماقچىسىدا بايان قىلىنغان ئىلتىماسنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى ئەۋەتىلگەن كۈنىدىن باشلاپ ئالتە ئاي توشمىغانلارغا؛
(2) ئەگەر مۇشۇ مەزگىلدە بۇ تارماقنىڭ a تارماقچىسىدا بايان قىلىنغان نەشر نۇسخىسىدىكى ئەسەرنىڭ قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسى تارقىتىلىشقا باشلىغان بولسا.
f . ئاپتورنىڭ ئىسى - فامىلىسى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ تېمىسى قايتا ئىشلەپ نەشر قىلىنغان ئەسەرنىڭ بارلىق قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسىغا بېسىلىشى لازىم. ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنىڭ ئىگىسى ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.
g . ئەسەرنىڭ ئەسلى نەشرىنىڭ توغرا قايتا ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت قانۇنى ئارقىلىق مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىش لازىم.
h . تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا مۇشۇ ماددىغا ئاساسەن بىر پارچە ئەسەرنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ قايتا ئىشلىنىشى ۋە نەشر قىلىنىشىغا دائىر ئىجازەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىشقا بولمايدۇ.
(1) ئالاقىدار تەرجىمە نۇسخىسى تەرجىمە ھوقۇقى ئىگىسى تەرىپىدىن ياكى ئۇنىڭ ئىجازىتى بىلەن نەشر قىلىنمىغان بولسا؛
(2) تەرجىمە نۇسخىسىدا ئىشلىتىلگىنى ئىجازەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىش ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتتە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان تىل - يېزىق بولمىغان بولسا.
2. 1 - تارماقتىكى مۇستەسنا بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكى تولۇقلىما بەلگىلىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى لازىم:
a . مۇشۇ ماددىغا ئاساسەن ئىجازەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىلىپ نەشر قىلىنغان بارلىق ئەسەرلەرنىڭ قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسىدا ئالاقىدار تىل - يېزىق ئۇقتۇرۇشى بولۇپ، مەزكۇر ئەسەرنىڭ قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسىنى پەقەت مەزكۇر ئىجازەت گۇۋاھنامىسى تەتبىقلىنىدىغان توختاملاشقۇچى دۆلەت ئىچىدىلا تارقىتىشقا بولىدىغانلىقى ئىزاھلىنىشى لازىم. ئەگەر مەزكۇر ئەسەردە 3 - ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئېلان بېسىلغان بولسا، شۇ تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ ھەر قايسى پارچىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش ئېلان بېسىلىشى لازىم.
b . دۆلەت دائىرىسىدە مۇۋاپىق بەلگىلىمە چىقىرىپ مۇنۇلارغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك:
(1) ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنىڭ تارقىتىلىشىغا مۇۋاپىق ھەق بېرىش، بۇ ھەق ئالاقىدار ئىككى دۆلەت شەخسلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سۆھبەتكە دائىر ئىجازەت گۇۋاھنامىسىدە ئادەتتە تۆلىنىدىغان نەشر بېجى ھەققى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم؛
(2) بۇ ھەقنىڭ تۆلىنىشى ۋە يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئەگەر دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوتنى باشقۇرۇشى مەۋجۇت بولىدىغان بولسا، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى دائىرىلەر خەلقئارا ئورگانلار ئارقىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى ئىشا سېلىپ بۇ ھەقنىڭ خەلقئارادا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان پۇل ياكى شۇنىڭغا تەڭ قىممەتتىكى پۇل ئارقىلىق يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
C . ئەگەر مەلۇم بىر ئەسەرنىڭ مەلۇم نەشرىنىڭ قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسى قايتا ئىشلەش ھوقۇقى ئىگىسى تەرىپىدىن ياكى ئۇنىڭ ئىجازەت بېرىشى بىلەن مەزكۇر دۆلەتتىكى ئوخشاش خىلدىكى ئەسەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش باھادا كەڭ جامائەتنىڭ ياكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىشى ئۈچۈن مەزكۇر توختاملاشقۇچى دۆلەت ئىچىدە سېتىلغان، لېكىن مەزكۇر نەشرىنىڭ تىل - يېزىقى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى ئىجازەت گۇۋاھنامىسىگە ئاساسەن نەشر قىلىنغان نۇسخىنىڭ تىل - يېزىقى ۋە مەزمۇنى بىلەن ئوخشاش گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش لازىم. ئىجازەت گۇۋاھنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئىشلىنىپ بولغان ئەسەرنىڭ قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسىنى سېتىلىپ بولغۇچە تارقىتىشقا بولىدۇ.
d . ئاپتور مەزكۇر نەشردىكى ئەسەرنىڭ بارلىق قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسىنى تارقىتىشنى توختاتقان چاغدا، ھەر قانداق ئىجازەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىشقا بولمايدۇ.
3. a . b تارماقچىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ ماددا تەتبىقلىنىدىغان ئەدەبىيات، ئىلىم - پەن ياكى سەنئەت ئەسەرلىرى پەقەت باسما شەكلىدە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەر قانداق باشقا كۆپەيتىپ ئىشلەنگەن شەكىللەردە نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
b . بۇ ماددا كۆرۈش، ئاڭلاش شەكلىدە قانۇنلۇق قايتا ئىشلەنگەن، قوغدىلىدىغان ئەسەرلەرگە ياكى قوغدىلىدىغان ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆرۈش، ئاڭلاش ماتېرىياللىرىغا، شۇنداقلا ئىجازەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىش ھوقۇقىغا ئىگە توختاملاشقۇچى دۆلەتلەردە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان تىل - يېزىقتا تەرجىمە قىلىنغان مەزكۇر كۆرۈش، ئاڭلاش ماتېرىياللىرى ئىچىدىكى يېزىق قىسمىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىغىمۇ ئوخشاشلا مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇنىڭدىكى شەرت شۇكى، ئالاقىدار كۆرۈش، ئاڭلاش ماتېرىياللىرىنىڭ ئىشلىنىشى ۋە نەشر قىلىنىشى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشىغا ئىشلىتىلىنىشى بىردىنبىر مەقسەت قىلىغان بولۇشى كېرەك.
6 - ماددا بۇ ئەھدىنامىدە قوللىنىلغان <نەشر> سۆزى شەكىللىك شەكىلدە قايتا ئىشلەنگەن ھەمدە جامائەتكە تارقىتىلغان، ئوقۇغىلى ياكى كۆرگىلى بولىدىغان ئەسەرلەرنىڭ قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسىنى كۆرسىتىدۇ.
7 - ماددا بۇ ئەھدىنامە بىلەن قوغداش تەلەپ قىلىنغان توختاملاشقۇچى دۆلەتتە كۈچكە ئىگە بولغان كۈنى قوغدىلىشتىن پۈتۈنلەي قالغان ياكى ئەزەلدىن قوغدىلىپ باقمىغان ئەسەرلەر ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.
8 - ماددا 1. بۇ ئەھدىنامىنىڭ تۈزىتىلگەن ۋاقتى 1971 - يىلى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئۇ باش ئىش بېجىرگۈچىنىڭ ساقلاپ قويۇشىغا تاپشۇرۇلۇشى ھەمدە يۇقىرىقى ۋاقىتتىن باشلاپ 120 كۈن ئىچىدە 1952 - يىل ئەھدىنامىسىگە قاتناشقان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئوچۇق ئىمزا قويۇشىغا قويۇلۇشى لازىم. بۇ ئەھدىنامە ئىمزا قويغۇچى دۆلەتلەرنىڭ تەستىقلىشى ياكى قوبۇل قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى لازىم.
2. بۇ ئەھدىنامىگە ئىمزا قويمىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشسا بولىدۇ.
3. بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلاش، قوبۇل قىلىش ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىش ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى باش ئىش بېجىرگۈچىگە تاپشۇرغاندىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
9 - ماددا 1. بۇ ئەھدىنامە تەستىقلاش، قوبۇل قىلىش ياكى قاتنىشىش گۇۋاھنامىسىدىن ساقلاپ قويۇشقا 12 نۇسخا تاپشۇرۇلۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
2. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئەھدىنامە ھەر بىر دۆلەتكە نىسبەتەن ئۇ تەستىقلاش، قوبۇل قىلىش ياكى قاتنىشىش گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
3. بۇ ئەھدىنامىگە قاتناشقان ھەر قانداق دۆلەت ئەگەر 1952 - يىل ئەھدىنامىسىگە قاتناشمىغان بولسىمۇ مەزكۇر ئەھدىنامىگە قاتناشقان دەپ قارىلىشى لازىم؛ لېكىن ئەگەر ئۇنىڭ قاتنىشىش گۇۋاھنامىسى بۇ ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى تاپشۇرۇلغان بولسا، مەزكۇر دۆلەتنىڭ 1952 - يىل ئەھدىنامىسىگە قاتناشقانلىقى مۇشۇ ئەھدىنامىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىنى شەرت قىلىشى لازىم. بۇ ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ھەر قانداق دۆلەتنىڭ 1952 - يىل ئەھدىنامىسىگىلا قاتنىشىشىغا بولمايدۇ.
4. بۇ ئەھدىنامىگە قاتناشقان دۆلەتلەر بىلەن 1952 - يىل ئەھدىنامىسىگىلا قاتناشقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە 1952 - يىل ئەھدىنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنۇش لازىم. لېكىن، پەقەت 1952 - يىل ئەھدىنامىسىگىلا قاتناشقان ھەر قانداق دۆلەت باش ئىش بېجىرگۈچىگە ئۇقتۇرۇشنامە تاپشۇرۇپ، 1971 - يىل ئەھدىنامىسىنىڭ مەزكۇر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە مەزكۇر دۆلەتتە تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان مۇشۇ ئەھدىنامىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ ئەسەرلىرىگە تەتبىقلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىسا بولىدۇ.
10 - ماددا 1. توختاملاشقۇچى بارلىق دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ ئەھدىنامىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ.
2. ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇمكى، بۇ ئەھدىنامە توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەتتە كۈچكە ئىگە بولغان چاغدا، ئۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن بۇ ئەھدىنامىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلگە قويۇشى لازىم.
11 - ماددا 1. <ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېت> تەسىس قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى تۆۋەندىكىچە:
a . دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسىنىڭ تەتبىقلىنىشى ۋە يولغا قويۇلۇشىغا دائىر ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش؛
b , بۇ ئەھدىنامىنى قەرەللىك ھالدا تۈزىتىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئوبدان ئىشلەش؛
C . <ب د ت مائارىپ ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى> <خەلقئارا ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنى قوغداش ئىتتىپاقى>، <ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر تەشكىلاتى> قاتارلىق ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا نەشر ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاقىدار ھەر قانداق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش؛
d . <ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېت> نىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسىگە قاتناشقان دۆلەتلەرگە ئۇقتۇرۇپ تۇرۇش.
2. مەزكۇر كومىتېت مۇشۇ ئەھدىنامىگە قاتناشقان ياكى پەقەت 1952 - يىل ئەھدىنامىسىگىلا قاتناشقان 18 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.
3. مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئەزالىرىنى تاللاشتا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، نوپۇسى، تىل ـ يېزىقى ۋە تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئاساسەن، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىنى مۇۋاپىق نەزەردە تۇتۇش لازىم.
4. ب د ت مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى، ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ۋەكىللىرى مەسلىھەتچى سالاھىيىتى بىلەن مەزكۇر كومىتېتنىڭ يىغىنلىرىغا قاتناشسا بولىدۇ.
12 - ماددا ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېت زۆرۈر دەپ قارىغان چاغدا ياكى ئاز دېگەندە مۇشۇ ئەھدىنامىگە قاتناشقان توختاملاشقۇچى 10 دۆلەتنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن يىغىن چاقىرىپ، بۇ ئەھدىنامىگە تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ.
13 - ماددا 1. توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەت ئۆزىنىڭ تەستىقلاش، قوبۇل قىلىش ياكى قاتنىشىش گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇش ۋاقتىدا ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قانداق ۋاقىت ئىچىدە، باش ئىش بېجىرگۈچىگە يازغان ئۇقتۇرۇشنامىسىدە بۇ ئەھدىنامىنى ئۆزىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتە جاۋابكار بولىدىغان بارلىق دۆلەتكە ياكى زېمىنغا، ياكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق دۆلەتكە ياكى زېمىنغا تەتبىقلايدىغانلىقىنى جاكارلىسا بولىدۇ؛ شۇ ۋەجىدىن، بۇ ئەھدىنامىنىڭ 9 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئۈچ ئاي مۇددەت چېكى توشقاندىن كېيىن ئۇقتۇرۇشنامىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلەتكە ياكى زېمىنغا تەتبىقلىنىدۇ. بۇنداق ئۇقتۇرۇشنامە بولمىسا، بۇ ئەھدىنامە بۇنداق دۆلەتكە ياكى زېمىنغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.
2. لېكىن، بۇ ماددىنى توختاملاشقۇچى مەلۇم بىر دۆلەت توختاملاشقۇچى يەنە بىر دۆلەتنىڭ مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بۇ ئەھدىنامىنى ئۆزىگە تەتبىقلىغان دۆلەت ياكى زېمىندىكى پاكىتنى ئېتىراپ قىلىدۇ، دەپ چۈشىنىۋېلىشقا بولمايدۇ.
14 - ماددا 1. توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەت ئۆزىنىڭ نامىدا ياكى 13 - ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تارقاتقان ئۇقتۇرۇشنامىدىكى ئالاقىدار بارلىق دۆلەتكە ياكى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر دۆلەتكە ۋە ياكى زېمىنغا ۋاكالىتەن بۇ ئەھدىنامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. بۇ ئەھدىنامىنى بىكار قىلىشتا، ئۇقتۇرۇشنامە شەكلى بىلەن باش ئىش بېجىرگۈچىگە ئەۋەتىپ بېرىش لازىم. بۇنداق بىكار قىلىش 9521 - يىل ئەھدىنامىسىنى بىكار قىلىشنىمۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.
2. بۇنداق بىكار قلىش پەقەت توختاملاشقۇچى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ياكى ئۇ ۋەكىللىك قىلىدىغان دۆلەت ۋە ياكى زېمىندىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە ئۇقتۇرۇشنامە تاپشۇرۇۋېلىنغان كۈندىن باشلاپ 12 ئايدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولۇشى لازىم.
15 - ماددا توختاملاشقان ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇ ئەھدىنامىنى چۈشەندۈرۈش ياكى تەتبىقلاش جەھەتتە ماجىرا يۈز بېرىپ، سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قلىش مۇمكىن بولمىغان چاغدا، ئەگەر مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر باشقا ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، تالاش - تارتىشنى خەلقئارا سو مەھكىمسىنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.
16 - ماددا 1. بۇ ئەھدىنامە ئىنگىلىزچە، فرانسۇزچە ۋە ئىسپانچە ئۈچ خىل يېزىقتا تۈزۈلىدۇ، ئۈچ خىل يېزىق نۇسخىسىغا ئىمزا قويۇلۇشى ھەمدە ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولۇشى لازىم.
2. باش ئىش بېجىرگۈچى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن ئەرەبچە، نېمىسچە،ئىتالىيانچە ۋە پورتۇگالىيىچە رەسمىي نۇسخىسىنى بېكىتىدۇ.
3. توختاملاشقۇچى مەلۇم بىر ياكى بىر قانچە دۆلەت باش ئىش بېجىرگۈچى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن باش ئىش بېجىرگۈچى ئارقىلىق ئۆزلىرى تاللىغان تىل - يېزىقتىكى باشقا نۇسخىلىرىنى بېكىتىشكە ھوقۇقلۇق.
4. بۇ نۇسخىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئەھدىنامىنىڭ ئىمزالانغان نۇسخىسىنىڭ كەينىگە قوشۇپ قويۇلىدۇ.
17 - ماددا 1. بۇ ئەھدىنامە <بېرن ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسى> دىكى ماددىلارغا ياكى مەزكۇر ئەھدىنامە ئارقىلىق تەسىس قىلىنغان ئىتتىپاقنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىگە مۇتلەق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
2. ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، بۇ ماددىدا بىر تۈرلۈك بايانات قوشۇمچە قىلىنىدۇ. 1951 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى بېرن ئەھدىنامىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان دۆلەتلەر مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان ۋە ياكى بۇنىڭدىن كېيىنكى مەلۇم بىر ۋاقىتتا ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن بۇ بايانات مۇشۇ ئەھدىنامىنىڭ تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇ ئەھدىنامىگە ئىمزا قويۇشىنى مەزكۇر باياناتقىمۇ ئىمزا قويۇش دەپ قاراش، مۇشۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلىشى، قوبۇل قىلىشى ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىشى مەزكۇر ئەھدىنامىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم.
18 - ماددا بۇ ئەھدىنامە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر ئىچىدە پەقەت ئىككى ياكى بىر قانچە دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھازىر كۈچكە ئىگە ياكى كۈچكە ئىگە بولۇش ئېھتىمالى بولۇش بىلەنلا چەكلىنىدىغان كۆپ تەرەپلىك ياكى ئىككى تەرەپلىك نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى ۋە ياكى كېلىشىملەرنى بىكار قىلمايدۇ. مەيلى ھازىر بار بولغان مۇشۇ خىلدىكى ئەھدىنامىلەر ياكى كېلىشىملەرنىڭ كۈچكە ئىگە ماددىلىرى بىلەن مۇشۇ ئەھدىنامىنىڭ ماددىلىرى ئوتتۇرىسىدا ياكى مۇشۇ ئەھدىنامىنىڭ ماددىلىرى بىلەن مۇشۇ ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىككى ياكى بىر قانچە جۇمھۇرىيەتتە تۈزۈلۈش مۇمكىن بولغان يېڭى ئەھدىنامە ۋە ياكى كېلىشىملەرنىڭ ماددىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلسە، يېقىندا تۈزۈلگەن ئەھدىنامە ياكى كېلىشىمنى ئاساس قىلىش كېرەك. توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەت بۇ ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى مەزكۇر دۆلەتنىڭ ھازىر بار بولغان ئەھدىنامە ياكى كېلىشىمگە ئاساسەن ئىگە بولغان نەشر ھوقۇقى تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى لازىم.
19 - ماددا بۇ ئەھدىنامە ئىككى ياكى بىر قانچە توختاملاشقۇچى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۈچكە ئىگە بولغان كۆپ تەرەپلىك ياكى ئىككى تەرەپلىك ئەھدىنامە ۋە ياكى كېلىشىملەرنى بىكار قىلمايدۇ. ھازىر بار بولغان بۇ خىل ئەھدىنامىنىڭ ماددىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلسە، مۇشۇ ئەھدىنامىدىكى ماددىلار ئاساس قىلىنىدۇ. توختاملاشقۇچى ھەر قانداق دۆلەتنىڭ مۇشۇ ئەھدىنامە مەزكۇر دۆلەتتە كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى بار بولغان ئەھدىنامە ياكى كېلىشىملەرگە ئاساسەن ئىگە بولغان نەشر ھوقۇقى تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىلەر 17 -، 18 - ماددىدىكى تارماقلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
20 - ماددا بۇ ئەھدىنامىگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئۆز پىكرىدە قېلىشقا بولمايدۇ.
21 - ماددا 1. باش ئىش بېجىرگۈچى بۇ ئەھدىنامىنىڭ خاتاسىز ئىكەنلىكىنى تەكشۈرگەن كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىنى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە تاپشۇرۇشى ھەمدە ب د ت نىڭ باش كاتىپىغا تاپشۇرۇپ تىزىملىتىشى لازىم.
2. باش ئىش بېجىرگۈچى تاپشۇرۇلغان تەستىقلاش، قوبۇل قىلىش ۋە قاتنىشىش گۇۋاھنامىسىنى، بۇ ئەھدىنامىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتىنى، بۇ ئەھدىنامىگە ئاساسەن تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشنامىنى ۋە 14 - ماددىغا ئاساسەن چىقىرىلغان بىكار قىلىشنى بارلىق مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە ئۇقتۇرۇشى لازىم.
17 - ماددا توغرىسىدا قوشۇمچە بايانات خەلقئارا ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى قوغداش ئىتتىپاقى (تۆۋەندە <بېرن ئىتتىپاقى> دېيىلىدۇ) غا ئەزا دۆلەتلەر ۋە مۇشۇ ئەھدىنامىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر،
مەزكۇر ئىتتىپاق ئاساسىدا ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئۆز ئارا مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ھەمدە بېرن ئەھدىنامىسى بىلەن دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەھۋالدا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق توقۇنۇشتىن ساقىلىنىش ئۈچۈن، مەلۇم دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات باسقۇچىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ نەشر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋىيىسىنى تەڭشەشتىكى ۋاقىتلىق ئېھتىياجىنى تونۇپ يېتىش.
ئورتاق كېلىشىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى باياناتتىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى قوبۇل قىلدۇ:
a . مۇشۇ باياناتنىڭ b تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىلەردىن باشقا، مەلۇم بىر ئەسەر مەيدانغا كەلگەن دۆلەت بېرن ئەھدىنامىسىگە ئەزا دۆلەت بولۇپ، 1951 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن كېيىن بېرن ئەھدىنامىسىدىن چېكىنىپ چىققان بولسا، بېرن ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ چېگرىسى ئىچىدە دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى تەرىپىدىن قوغدىلىشقا بولمايدۇ.
b . ئەگەر توختاملاشقۇچى مەلۇم بىر دۆلەت ب د ت چوڭ يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئادەت بويىچە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ قارىلىدىغان ھەمدە مەزكۇر دۆلەت بېرن ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققان چاغدا ئۆزىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ ھېسابلىغان بىر پارچە ئۇقتۇرۇشنامىسىنى ب د ت مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىگە تاپشۇرغان بولسا، مەزكۇر دۆلەت مۇشۇ ئەھدىنامىنىڭ 5 - ماددا 2 - تارماقتىكى مۇستەسنا بەلگىلىمىنى قوللىنىدىغان بولسىلا، بۇ باياناتنىڭ a تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانماسلىقى لازىم.
C . قوغدالغان مەلۇم ئەسەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بېرن ئەھدىنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەسلى نەشر قىلغان دۆلەت بېرن ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان بولسىلا، دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى بېرن ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەتبىقلانماسلىقى لازىم.
11 - ماددىغا مۇناسىۋەتلىك قارار دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسىنى تۈزىتىش يىغىنى.
مۇشۇ ئەھدىنامىنىڭ 11 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھۆكۈمەتلەر ئار كومىتېت مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇنىڭغا مۇشۇ قارارنى قوشۇمچە قىلدى.
ئالاھىدە تۆۋەندىكىدەك قارار قىلىندى:
1. كومىتېت بەرپا قىلىنغان چاغدا 1952 - يىل ئەھدىنامىسىنىڭ 11 - ماددىسى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىنغان قارارغا ئاساسەن تەسىس قىلىنغان ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتقا ئەزا 12 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك: ئالجىرىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، مېكسىكا، سېنېگال ۋە يۇگوسلاۋىيە.
2. 1952 - يىل ئەھدىنامىسىگە ھەمدە مۇشۇ ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن چاقىرىلغان مۇشۇ كومىتېتنىڭ 1 - قېتىملىق قەرەللىك يىغىنى چاقىرىلىشتىن ئىلگىرى مۇشۇ ئەھدىنامىگە قاتناشمىغان ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئورنىغا كومىتېت 11 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقى ۋە 3 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ 1 - قېتىملىق قەرەللىك يىغىنىدا تاللىغان باشقا دۆلەتنى قويىدۇ.
3. بۇ ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە بولغان ھامان مۇشۇ قارارنىڭ 1 - تارمىقىغا ئاساسەن قۇرۇلغان بۇ كومىتېت مۇشۇ ئەھدىنامىنىڭ 11 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەشكىل قىلىنغان دەپ قارىلىشى لازىم.
4. بۇ ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە بولۇپ بىر يىل ئىچىدە كومىتېت بىر قېتىم يىغىن ئۆتكۈزۈشى لازىم. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كومىتېت ئاز دېگەندە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم قەرەللىك يىغىن ئۆتكۈزۈشى لازىم.
5. كومىتېت بىر نەپەر رەئىس، ئىككى نەپەر مۇئاۋىن رەئىس سايلاپ چىقىشى لازىم، شۇنداقلا تۆۋەندىكى پرىنسىپ بويىچە ئۆزىنىڭ تەرتىپ قائىدىسىنى ئورنىتىشى لازىم:
a . كومىتېتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئادەتتە ئالتە يىل بولۇشى، ھەر ئىككى يىلدا ئۈچتىن بىر ئەزا دۆلەت ۋەزىپىدىن ئايرىلىشى لازىم، لېكىن چۈشىنىش ئارقىلىق: تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈچتىن بىر ئەزا دۆلەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مۇشۇ ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن چاقىرىلغان 2 - قېتىملىق قەرەللىك يىغىن ئاخىرلاشقان چاغدا توختىتىلىشى، كېيىنكى بىر تۈركۈم ئۈچتىن بىر ئەزا دۆلەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 3 - قېتىملىق قەرەللىك يىغىن ئاخىرلاشقان چاغدا توختىتىلىشى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئۈچتىن بىر ئەزا دۆلەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 4 - قېتىملىق قەرەللىك يىغىن ئاخىرلاشقان چاغدا توختىتىلىشى لازىم.
b . كومىتېتنىڭ بوش ئورنىنى تەدرىجىي تولدۇرۇش تەرتىپى، ئەزالىق سالاھىيەت مۇددىتى توشۇپ تەرتىپ بويىچە ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ۋە سايلاش تەرتىپى توغرىسىدىكى قائىدىلەردە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش ئېھتىياجى ۋە ئەزا دۆلەتلەر ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت بىلەن ئالمىشىش ئېھتىياجىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە مۇشۇ ئەھدىنامىنىڭ 11 - ماددىسىنىڭ 3 - تارمىقىدىكى ھەر قايسى نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتۇشنى ئاساس قىلىشى كېرەك.
ب د ت مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ كومىتېت كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خادىملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى ئىمزا قويغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ئەھدىنامىگە قول قويدى. 1971 - يىلى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى پارىژدا تۈزۈلدى، رەسمىي نۇسخىسى بىر نۇسخا.
<دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى> نىڭ 1971 - يىلى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى پارىژدا تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنىڭ بۇ ئەھدىنامىنى دۆلەت تەۋەلىكى بولمىغان كىشىلەر ۋە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىگە تەتبىقلاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە ھۆججىتى
كېلىشىمنامە - 1
بۇ كېلىشىمنامە ۋە <دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى> نىڭ 1971 - يىلى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى پارىژدا تۈزىتىلگەن نۇسخىسى (تۆۋەندە <1971 - يىل ئەھدىنامىسى> دېيىلىدۇ) غا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەر،
تۆۋەندىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى ئېتىراپ قىلىدۇ:
1. 1971 - يىل ئەھدىنامىسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، ئادەتتە مۇشۇ كېلىشىمگە قاتناشقان دۆلەتتە ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، دۆلەت تەۋەلىكى بولمىغان كىشىلەر ۋە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن كىشىلەر ۋە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن كىشىلەر مەزكۇر دۆلەتنىڭ پۇقراسى دەپ قارىلىشى لازىم.
2. a . بۇ كېلىشىمنامە ئىمزالىنىشى ھەمدە تەستىقلىنىشى ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىش لازىم. 1971 - يىل ئەھدىنامىسىنڭ 8 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىدىكىگە ئوخشاش قاتناشسىمۇ بولىدۇ.
b . بۇ كېلىشىمنامە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر تەستىقلاش، قوبۇل قىلىش ياكى قاتنىشىش گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ مەزكۇر دۆلەتلەرگە نىسبەتەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ياكى 1971 - يىل ئەھدىنامىسى مەزكۇر دۆلەتلەرگە نىسبەتەن كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئىككى ۋاقىتنىڭ قايسىسى كېيىن بولسا شۇ ئاساس قىلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى ئىمزا قويغۇچى رەسمىي ھوقۇق بېرىلىش ئارقىلىق بۇ كېلىشىمگەئىمزا قويۇپ، ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1971 - يىلى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى پارىژدا تۈزۈلدى، ئىنگىلىزچە، فرانسۇزچە ۋە ئىسپانچە يېزىلدى، ئۈچ خىل يېزىق نۇسخىسى ئوخشاش كۈچكە ئىگە. رەسمىي نۇسخىسىدىن بىر نۇسخا ب د ت مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىگە تاپشۇرۇلدى. باش ئىش بېجىرگۈچى خاتاسىز ئىكەنلىكى تەكشۈرۈلگەن كۆچۈرۈلمىسىنى ئىمزا قويغۇچى دۆلەتلەرگە تاپشۇرۇشى ھەمدە ب د ت باش كاتىپىغا تاپشۇرۇپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى لازىم.
<دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى> نىڭ 1971 - يىلى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى پارىژدا تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنىڭ بۇ ئەھدىنامىنى بەزى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئەسەرلىرىگە تەتبىقلاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە ھۆججىتى
كېلىشىمنامە - 2
بۇ كېلىشىمنامە <دۇنيا نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى> نىڭ 1971 - يىلى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى پارىژدا تۈزىتىلگەن نۇسخىسى (تۆۋەندە <1971 - يىل ئەھدىنامىسى> دېيىلىدۇ) غا قاتناشقان دۆلەتلەر،
تۆۋەندىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى ئېتىراپ قىلىدۇ:
1. a . 1971 - يىل ئەھدىنامىسىنىڭ 2 - ماددا 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن نەشر ھوقۇقىنى قوغداش ب د ت، ب د ت غا قاراشلىق مەخسۇس ئورگانلار ياكى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان ئەسەرلەرگە تەتبىقلىنىدۇ.
b . 1971 - يىل ئەھدىنامىسىنىڭ 2 - ماددا 2 - تارمىقىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرىدىكى تەشكىلات ياكى ئورگانلارغا تەتبىقلىنىدۇ.
2. a . بۇ كېلىشىم ئىمزالىنىشى ھەمدە تەستىقلىنىشى ياكى ئۇنىڭغا قاتناشقان بولۇشى لازىم، 1971 - يىل ئەھدىنامىسىنىڭ 8 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىدىكىگە ئوخشاش قاتناشسىمۇ بولىدۇ.
b . بۇ كېلىشىم مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر تەستىقلاش، قوبۇل قلىش ياكى قاتنىشىش گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ ياكى 1971 - يىل ئەھدىنامىسى مەزكۇر دۆلەتلەرگە نىسبەتەن كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، بۇنىڭدا ئىككى ۋاقىتنىڭ قايسىسى كېيىن بولسا شۇ ئاساس قىلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى ئىمزا قويغۇچى رەسمىي ھوقۇق بېرىلىش ئارقىلىق بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ، ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1971 - يىلى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى پارىژدا تۈزۈلدى، ئىنگىلىزچە، فرانسۇزچە ۋە ئىسپانچە يېزىلدى، ئۈچ خىل يېزىق نۇسخىسى ئوخشاش كۈچكە ئىگە. رەسمىي نۇسخىسىدىن بىر نۇسخا ب د ت مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىگە تاپشۇرۇلدى. باش ئىش بېجىرگۈچى خاتاسىز ئىكەنلىكىنى تەكشۈرگەن كۆچۈرۈلمىسىنى ئىمزا قويغۇچى دۆلەتلەرگە تاپشۇرۇشى ھەمدە ب د ت باش كاتىپىغا تاپشۇرۇپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى لازىم.