Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۈملىمە قىيما
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوي گۆشى بىر كىلوگرام، قارىمۇچ ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، زىرە ئازراق، پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، ئىسسىق سۇ يېرىم جىڭ، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كۆك، قىزىل رەڭ ئازراق.
1. گۆشنى ئۇششاق چاناپ ياكى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، سۇيۇلدۇرۇپ، تۇخۇمنىڭ ئېقى، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، سوققان كاۋاۋىچىن، قارىمۇچ، زىرە، تۇزلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.
2. قىيمىدىن 175 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ توم ھالقا شەكىلدە ياساپ، يۈزىگە تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى سۈركەپ، قاسقانغا سېلىپ يېرىم سائەت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.
3. پىشقان قىيمىنى قاسقاندىن ئېلىپ، يۈزىگە كۆك، قىزىل رەڭ سېپىپ قويۇلىدۇ. ئىشلىتىش ۋاقتىدا نېپىز يالپاقلاپ ياكى ئىنچىكە توغراپ باشقا تاماقلارغا سەپلەپ ئىشلىتىدۇ.
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۆش 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، تۇخۇم بىر دانە، كاۋاۋىچىن ئازراق، پىياز ئىككى باش، پۇرچاق ئۇنى 35 گرام، قارىمۇچ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. سېمىز قوي ياكى كالا گۆشىنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ ياكى ئۇششاق چاناپ، 105 گرام سۇ يېدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق چانالغان پىياز، تۇز، سوققان زىرە، قارىمۇچ، كاۋاۋىچىن، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تۇخۇم سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، يۇمشاق قىيما تەييارلىنىدۇ.
2. تەك (ئۈزۈم تىلى)نىڭ يېڭى چىققان پارقىراق يوپۇرماقلىرىنى تېرىپ، ئىسسىق سۇدا يۇيۇپ، قۇرۇق لاتا بىلەن سۈرتۈپ، ھەربىر يوپۇرماققا قىيما سېلىپ تۈگۈپ، چەكلىرىنى چىلىغان پۇرچاق ئۇنى بىلەن يەملەپ، قاسقانغا قويۇپ، 20~15 مىنۇت دۈملىنىدۇ. قاسقاندىن ئېلىپ تەخسە ياكى ياكى لېگەنگە ئېلىنىدۇ.