Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۈملىمە بېلىق
ئۇيغۇر تائاملىرى
500 گراملىق بېلىق ئىككى تال، شورپا ئىككى چۆمۈچ، قوينىڭ چاۋا يېغى ئازراق، ئاچچىقسۇ ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، سوققان زەنجىۋىل ئازراق، پۈتۈن زەنجىۋىل ئىككى پارچە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تېتىتقۇ بىر چىمدىم.
1 . بېلىقنى قىرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، دۈمبىنى توغرىسىغا تىلىپ چىش چىقىرىپ، قىزىق سۇغا بېسىپ پۇرىقى چىقىر
ىۋېتىلىدۇ؛ سۇڭپىيازنى ئىنچىكە، چاۋا يا
غ ئۇششاق توغرىلىدۇ، زەنجىۋىل ئۇششاق چانىلىدۇ.
2. تۇز، تېتىتقۇ سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.
3. تەخسىگە سۇڭپىيازنى تىزىپ، ئۈستىگە بېلىقنى قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زەنجىۋىل، چاۋا ياغلارنى ئۆز تەرتىپى بويىچە تىزىپ، ئاندىن تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، قاسقانغا سېلىپ 25 ~ 20 مىنۇت دۈملىنىدۇ. ئاچچىقسۇ، سوققان زەنجىۋىل ئايرىم تەخسىدە كەلتۈرۈلىدۇ.
ئۇيغۇر تائاملىرى
250 گراملىق بېلىق بەش تال، پىششىق گۆش ئازراق، قوينىڭ چاۋا يېغى ئازراق، جاڭيۇ ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، شورپا بىر چۆمۈچ، سېرىق ھاراق بىر قوشۇق، ئاچچىقسۇ ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، زەنجىۋىل بىر تال.
1. بېلىقنى يۇقىرىقىدەك تازىلىغاندىن كېيىن دۈمبىسىگە ئاي شەكىلدە چىشلىق گۈل چىقىرىلىدۇ؛ سۇڭپىيازنى 4-5 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىنچىكە توغراپ، بىر قىسمىنى سوقىچاق بېلىق تەخسىسىگە قويۇپ، ئۈستىگە بېلىقنى تىزىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قالغان سۇڭپىياز، ئىنچىكە توغرالغان پىششىق گۆشنى تىزىپ سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
2. قاچىغا 35 گرام شورپا ئېلىپ، تېتىتقۇ، تۇز، سېرىق ھاراق، جاڭيۇ، ئۇششاق توغرالغان چاۋا ياغ سېلىپ، تەخسىدىكى بېلىق بىلەن بىللە قاسقانغا قويۇپ 20 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملىنىدۇ.
3. بېلىقنى قاسقاندىن ئېلىپ، تەخسىگە يىغىلغان سۈيىنى تۆكۈۋېتىپ، قاسقاندا بېلىق بىلەن بىللە دۈملىگەن شورپا بېلىقنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تائاملىرى
بىر كىلوگراملىق بېلىق ئىككى تال، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، چاۋا ياغ ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، جاڭيۇ 35 گرام، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، سۇڭپىياز ئىككى تال، زەنجىۋىل ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سامساق بىر باش، ئاچچىقسۇ ئازراق.
1. بېلىقنىڭ قاسىرىقىنى قىرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ، بېلىقنىڭ دۈمبىسىگە دولقۇنسىمان سىزىق سىزىپ، جاڭيۇ بىلەن تۇزغا چىلاپ قويۇلىدۇ.
2. سۇڭپىيازنى ئات قۇلىقى شەكلىدە، سامساق، زەنجىۋىللەر يالپاق توغرىلىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ، سەككىز دەرىجە قىزىتىپ، چىلىغان بېلىقنى سېلىپ يېرىم پىشۇرۇپ ئىلىنىدۇ؛ قازاندا ئازلا ياغ قالدۇرۇپ، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، سامساقلارنى سېلىپ قورۇپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان چاۋا ياغ، تېتىتقۇ شورپا، جاڭيۇ، تۇز سېلىپ، يېرىم پىشۇرۇلغان بېلىقنى سېلىپ قاينىتىپ دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.
بېلىق پىشقاندىن كېيىن ئۆرۈپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ شورپىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارقىراتما ياغ، ئاچچىقسۇ چېچىپ، بېلىقنى شورپىسى بىلەن چوڭقۇر تەخسىگە ئېلىنىدۇ.