Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۇدۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۆزنى راۋان قىلالمايدىغان.
سىرتىڭدىن كېكەچمۇ غەيۋىتىڭنى قىلار. دۇدۇق سۆزگە يارىماس، ئوغرى كۆزەتكە. تۆتۆت سۆزلىگۈچە، ئىش پۈتىدۇ.
شىۋىلەر
دۇدۇقلاپ سۆزلىگۈچى. دۇدۇق سۆزگە يارىماس، ئوغرى كۈزەتكە ( ماقال ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەق. راۋان سۆزلىيەلمەي، تۆتۆتلەپ سۆزلەش ھالىتى (ئادەم ھەققىدە).
ئى. دۇدۇقلاپ سۆزلەيدىغان ئادەم، كېكەچ، تۆتۆت.
دۇدۇق سۆزگە يارىماس، ئوغرى كۆزەتكە (ماقال).