Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۇداغ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
لەۋ، كالپۇك:
ئەسلى ئالچىن، سۆزلەرى چىن، كۆزلەرى تاتار ئېرۇر،
مىڭ ياشار ھەركىم دۇداغى شەربەيىن تاتار ئېرۇر.
سەيفى سەرابى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
لەب، كالپۇك، ئەرىن، دورداق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىز ئاستى - ئۈستىدىكى ھەرىكەتچان ئەت.
تەگ دېسە تەگمەيدۇ، تەگمە دېسە تېگىدۇ، ئۇ نېمە؟ (لەۋ). سۆيمىگەن يارنىڭ لىۋى سوغۇق. قاچقۇننىڭ كالپۇكى قۇرار. نە خۇش بولغاي ئىككىيلەن مەست بولساق ۋەسىل باغىدا، قولۇم بولسا سېنىڭ بوينۇڭدا ۋە ئاغزىم دورداغىڭدا.