ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھەم پاكارراق ھەم سېمىز؛ قىسقا ئەمما توم، دوغىلاق.
دىقماق ئادەم.
ئۇنىڭ دىقماق ئارغىمىقى ئەمدى بۆرە مېڭىشىدىن تېز يورغىسىغا چۈشتى.
ئېگىز ئەمەس، پاكار ئەمما توم، گەۋدىلىك (ئۆسۈملۈكلەر ھەققىدە).
باشقا ئالما دەرەخلىرىگە قارىغاندا پاكار، دىقماق كەلگەن بۇ ئالما بىر قاراشتىلا ئۆزىنىڭ مۇستەھكەملىكىدىن دېرەك بېرەتتى.