Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىكتاتور
قەدىمكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى
«دىكتاتور» لاتىن تىلىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «ھاكىممۇتلەق ئەمەلدار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ قەدىمكى رىم جۇمھۇرىيىتىدىكى قەرەلسىز ئالىي باشلىق.
دىكتاتور رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن. رىم دۆلىتى جىددىي ئەھۋالدا قالغاندا ئاندىن بۇ مەنسەپنى تەسىس قىلىدۇ. ھاكىممۇتلەق ئەمەلدارنى بېكىتىش قارارىنى سېنات چىقىرىدۇ، ئاندىن كونسۇل بېكىتىدۇ. ھاكىممۇتلەق ئەمەلدارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، ئادەتتە ئالتە ئايدىن ئاشمايدۇ. ۋەزىپە مۇددىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ھوقۇقنى تاپشۇرۇشى كېرەك. دەسلەپكى مەزگىلدە رىم ھاكىممۇتلەق ئەمەلدارلىرى ئادەتتە ئىنتايىن ئاددىي - ساددا، ئىشچان ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سېنات كېنكىناتۇس ئىسىملىك بىر كىشىنى ھاكىممۇتلەق ئەمەلدارغا تەيىنلىگەن ۋاقىتتا، ئۇ ئېتىزدا ئەمگەك قىلىۋاتقانىكەن. ئەلچى ئۇنىڭغا سېناتنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش بۇيرۇقىنى ئۇقتۇرغاندىلا ئۇ ئاندىن ئالدىراش ئايالى ئەكېلىپ بەرگەن توننى كىيىپ، ئەلچى بىلەن بىرلىكتە ئېتىزلىقتىن ئايرىلىپ جەڭگاھقا ئاتلانغان.
دىكتاتور ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە چوڭ ئىشلارغا ھۆكۈم چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق ئىدى. كۆزدىن كەچۈرۈشكە چىققاندا كەينىدىن24 قوغدىغۇچى ئەگىشىپ ماڭاتتى، قوغدىغۇچىلارنىڭ مۈرىسىدە بىر باغلام كالتەك بولۇپ، كالتەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا پالتا قىستۇرۇلغان، بۇ خىل پالتا قىستۇرۇلغان كالتەك »فاشىست« دەپ ئاتالغان بولۇپ، ھوقۇققا سىمۋول قىلىناتتى. دىكتاتورنىڭ بۇيرۇقىغا قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرگە قاتتىق جازا بېرىلىپ، ھۆكۈمدىن كېيىن قوغدىغۇچىلار جازانى دەرھال ئىجرا قىلاتتى. قوغدىغۇچىلار پۇقرالار كېڭىشىنىڭ ئالدىدىلا دىكتاتورنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن »فاشىست« تىن مۇستەسنا ھالدا، ئۇنىڭغا ھوقۇقنى خەلقنىڭ بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى.
جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، بۇ تۈزۈمدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. بىر قىسىم ھەربىي سەردارلار، مەسىلەن، سۇللا ۋە كائېسار قولىدىكى ئەمەلىي ھوقۇققا تايىنىپ، پۇقرالار كېڭىشى بىلەن سېناتنى ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاكىممۇتلەق ئەمەلدارى قىلىپ تەيىنلەشكە مەجبۇرلىدى. كائېسار ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سېنات شەخسىي ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ دۆلەتكە ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپىنى يوقىتىش ئۈچۈن قايتىدىن دىكتاتور سايلىمىدى. بۇ مەنسەپ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يوقالدى.
دۇنيا تارىخى
لاتىنچە dicator نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، <ھاكىممۇتلەق ئەمەلدار> مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمكى رىم جۇمھۇرىيىتىدىكى قەرەلسىز ئالىي باشلىق. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن. رىم دۆلىتى جىددىي ئەھۋالدا قالغان (ئادەتتە ئۇرۇش مەزگىلىدە) چاغدا سېنات قارار قىلىپ بىرك ىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، كونسۇل تەيىنلەش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ بەرگەن، ئۇنىڭ مۇددىتى ئالتە ئايدىن ئاشمىغان. زۆرۈر تېپىلغاندا قايتىدىن تەيىنلەنگەن (ۋزىپە ئاياغلاشقاندىن كېيىن مەنسەپتىن قالغان). دىكتاتور ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، زور ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا تولۇق ھوقۇققا ئىگە بولۇپ، خەلق ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي بويسۇنۇشى لازىم ئىدى. دىكتاتور سەپەرگە ئاتلانغاندا فاشىست كالتىكىنى كۆتۈرگەن 12 نەپەر لىكتور قوغداپ ماڭغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ھۆكۈمرانلاردىن سوللا، كائېسار دەرىجە ئاتلاپ، ئۆمۈرۋايەتلىك دىكتاتور بولغان. كائېسار قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن (مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى)، كونسۇل ئانتونىنىڭ تەكلىپى، سېناتنىڭ قارارى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ دىكتاتور (ھاكىممۇتلەق) تەيىنلىمەسلىكنى بەلگىلىگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
پەلسەپە
ھۇقۇقى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ھۆكۈمران، ھاكىملىق.