Uyghurئاساسىي لۇغەت
دوستقا تاپا قىلما دۈشمەنگە كۈلكە
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«دوستقا تاپا قىلما، دۈشمەنگە كۈلكە»بۇ، ھەر كىم دوستىغا بىھۇدە، ئورۇنسىز تەنە ۋە دوق قىلماسلىق، يامان نىيەتلىك كىشىلەرگە ئويۇن - تاماشا بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ: ئايسىخان «دوستقا تاپا قىلما، دۈشمەنگە كۈلكە» دېگەندەك، زىلەينىڭ ئاي - كۈنى توشقاندا بىر چىرايلىق «تىلەپ» كەلدى، سالامەت بوشاندۇردى. بىراق ئەختەم ئۇنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سېلىپ، قىزنى قۇرۇق پەتىۋاغا ئېلىۋالغانلىقى ئۆپكىسىنى ئىچىدىن قېقىۋەتكەندەك ئىدى.