Uyghurئاساسىي لۇغەت
دوراش
پسىخولوگىيە
بۇ مەلۇم ئۈلگە بويىچە ھەرىكەت قىلىشتىن ئىبارەت، سەنئەت مەشىقلىرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا دوراشقا ئاساسلىنىدۇ. ئىلغار ئۈلگىلەرنى ئاڭلىق تەقلىد قىلىش بىلەن باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەجرىبىمىزنى بېيىتىپ، ئۇنى ئىجادچانلىقنى جارى قىلدۇرشىمىزنىڭ ئاساسى قىلىشمىزغا بولىدۇ، لېكىن بالىلار كۆپىنچە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى، كىنو، ھېكايىلەردىكى ھەرىكەتلەرنى ئىستىخىيىلىك ھالدا دورايدۇ. تەربىيىچىلىرىمىز ئۇلارنىڭ ياخشى - ياماننى پەرق ئېتىش قابىلىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، قارىغۇلارچە دوراشتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشلىرى لازىم.