Uyghurئاساسىي لۇغەت
دودوما شەھىرى
بىئولوگىيە
تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بولغۇسى پايتەختى، بۇ جاي دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. 1973 - يىلى 9 - ئايدا 1973 - يىلىدىن باشلاپ 10 يىل ئىچىدە دودوما شەھىرىدە يېڭى پايتەختنى قۇرۇپ چىقىش قارار قىلىندى، شۇ پىلان بويىچە شەھەر قۇرۇلۇشى باشلاندى. دودوما شەھىرى شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان تۆمۈريول بىلەن شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان تاشيوللارنىڭ كېسىشكەن جايىغا جايلاشقان. شەھەرنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك، قاتناش - ترانسپورت جەھەتتىكى تەرەققىيات ئىستىقبالى زور. شەھەردە ھەرخىل سانائەت ئورۇنلىرى، دۆلەتلىك ئىدارىلەر، مەكتەپلەر، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى قۇرۇلۇپ شەھەرنىڭ كۆلىمى تەدرىجىي كېڭەيمەكتە.