Uyghurئاساسىي لۇغەت
دوپپىسىغا جىگدە سالماق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
باشقىلارنى ئالدىماق، ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرمەك؛ گوللىماق: قۇربان ئاقساقالنىڭ قىزىمنى چېتىپ قويىمەن دەپ، دوپپامغا جىگدە سېلىپ، بېشىمدا ياڭاق چاققانلىقىنى ئويلىسام، ئەلەم بىلەن مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلمەن، - دېدى ئۇ.