Uyghurئاساسىي لۇغەت
دوپىنې
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تارىخىي رايون. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇرگۇندلار تەرىپىدىن بويسۇندۇۇرلۇپ، كېيىن فرانك پادىشاھلىقىغا كىرگۈزۈلگەن. چارلېس ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، 843-يىلى ئىمزالانغان <ۋېردېن شەرتنامىسى> گە ئاساسەن، ئوتۇرا پادىشاھلىققا ئايرىپ بېرىلگەن، Ⅸ ئەسىردە تۆۋەن بۇرگۇند پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان (<بۇرگۇند> كە قارالسۇن). Ⅺ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق بولغان. 1349-يىلى فرانسىيىگە قوشۇۋېتىلىپ، ۋەلىئەھدنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى قىلىنغان؛ ۋەلىئەھدنىڭ <دوپىن> دېگەن نامى بولغانلىقتىن، بۇ يەر <دوپىنې> دەپ ئاتالغان.