Uyghurئاساسىي لۇغەت
دوللفۇسىس
دۇنيا تارىخى
(1892 - 1934) ئاۋسترىيە زۇڭلىسى (1932 - 1934). خرىستىئان سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى. دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ۋېنا ۋە بېرلىندا قانۇن ئۆگەنگەن. 1931 - 1932 - يىللىرى دېھقانچىلىق مىنىستىرى بولغان. 1932-يىلدىن تارتىپ زۇڭلى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ئىككىنچى يىلى پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، ئۆكتىچى پارتىيىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، فاشىستىك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 1934-يىلى ئاۋسترىيە ئىشچىلىرى ۋە شۇزبۇندلىرىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. گېرمانىيىنىڭ ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋېلىشىغا قارشى تۇرغانلىقتىن، شۇ يىلى 7-ئايدا، گېرمانىيە قوللىغان ئاۋسترىيە ناتسىستلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.