Uyghurئاساسىي لۇغەت
دولكىنو قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1014 - 1307 - يىللىرى شىمالىي ئىتالىيە دېھقانلىرىنىڭ فېئوداللىققا قارشى قوزغىلىڭى بولۇپ، رەھبەرلىك قىلغۇچى ئەۋلىيا قېرىنداشلار مەزھىپىگە ئاساس سالغۇچى سېگارېلنىڭ مۇرىتى دولكىنو (؟ - 1307). ⅩⅢ ئەسىردىن ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە شىمالىي ئىتالىيىدىكى پېمونتې، مونفىرراتو ۋە باشلىرىغىچە شىمالىي ئىتالىيىدىكى پېمونتې، مونفىرراتو ۋە ساۋوييە قاتارلىق جايلاردا يانچىلىق تۈزۈمى بۇرۇنقىدەكلا ئەۋج ئالغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، شەھەرلەردىكى باي ئاھالىلەرمۇ دېھقانلارغا بولغان ئېكسپىلاتاتسىيىنى كۈچەيتكەن. 1304-يىلى پېمونتىنىڭ ۋېرسېل رايونىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن، بۇ قوزغىلاڭغا نەچچە مىڭ كىشى، جۈملىدىن دولكىنونىڭ ئايال دوستى مارگارېت باشچىلىقىدىكى ئاياللار قوشۇنىمۇ قاتناشقان. قوزغىلاڭچىلار ھەممىلا يەردە موناستىر ۋە فېئوداللارنىڭ قورۇقلىرىنى ۋەيران قىلىپ، مال - مۈلۈككە ئومۇم ئىگىدارچىلىق قىلىش ئاساسىدىكى دېھقانلار جامائەلىرىنى قۇرماقچى بولغان. 1305-يىلى پاپا كلىمېنت Ⅴ ئەھلىسەلىپنى قوزغاپ، قوزغىلاڭچىلارغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلغان. دولكىنو قوشۇنىنى باشلاپ ۋېرسېل بىلەن ساۋوييە چېگرىىسىدىكى تاغلىق رايونغا چېكىنىپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. 1307-يىلى 3-ئايدا قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ، دولكىنو بىلەن مارگاېت ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.