Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دۆلەت قانۇنى قامۇسى
دائىرە: قانۇنشۇناسلىق国法大全
guó fǎ dà quán
دائىرە: دۇنيا تارىخى国法大全
guó fǎ dà quán
<ھەق تەلەپ قانۇنى قامۇسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. <يۇستىنىئان قانۇنى>، <قانۇن - تەلىماتلار توپلىمى>، <قانۇن بوسۇغىسى>، <يېڭى پەرمانلار> نىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى. ۋىزانتىيە پادىشاھى يۇستىنىئان تەختكە چىقىپ ئىككىنچى يىلى، يەنى مىلادىن 528-يىلى پەرمان چۈشۈرۈپ تۈھدۈرگەن. قانۇنشۇناس ترىبونىئان (تەخمىنەن ؟ - 545) بۇ ئىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. ⅩⅡ ئەسىرگە كەلگەندە<دۆلەت قانۇنى قامۇسى> دەپ ئومۇملاشترۇپ ئاتىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە (1) <يۇستىنىئان قانۇنى> 12 توم بولۇپ، مىلادى Ⅱ ئەسىردىن Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۆتكەن رىم پادىشاھلىرى ئېلان قىلغان ئەمر - پەرمانلار توپلانغان؛ (2) <قانۇن - تەلىماتلار توپلىمى> 50 توم بولۇپ، ئالدىنقى خاندانلىقلار (ئاساسلىقى مىلادى Ⅱ - Ⅲ ئەسىر) دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر قانۇنشۇناسلارنىڭ قانۇننى ئىزاھلىغان ئەسەرلىرى، سۆز - ئىبارىلىرى توپلام قىلىنغان؛ (3) <قانۇن بوسۇغىسى> قانۇن قائىدىلىرى بايان قىلىنغان دەرسلىك ھېسابلىنىدۇ؛ (4) <يېڭى پەرمانلار> بۇنىڭغا مىلادى 534-يىلدىن كېيىن يۇستىنىئان ئېلان قىلغان ئەر - پەرمانلار كىرگۈزۈلگەن. <دۆلەت قانۇنى قامۇسى> پادىشاھنىڭ ئىرادىسى - قانۇن دېگەننى تەرغىپ قىلىپ، سىنىپىي پەرقنى ئېتىراپ قىلىپ، خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغدىغان. ئەينى ۋاقىتتا قۇللۇق تۈزۈمى كۈنسايىن زاۋالغا يۈز تۇتقانلىقتىن، <يېڭى پارمانلار> قۇللارنى قويۇپ بېرىشكە يول قويۇپ، ئۇلارنى بېقىندى دېھقانلارغا ئايلاندۇرغان. <دۆلەت قانۇنى قامۇسى> رىم قانۇنلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، يېقىنقى زامان بۇرژۇئا قانۇنى سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.