Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۆلەت قانۇنى قامۇسى
دۇنيا تارىخى
<ھەق تەلەپ قانۇنى قامۇسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. <يۇستىنىئان قانۇنى>، <قانۇن - تەلىماتلار توپلىمى>، <قانۇن بوسۇغىسى>، <يېڭى پەرمانلار> نىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى. ۋىزانتىيە پادىشاھى يۇستىنىئان تەختكە چىقىپ ئىككىنچى يىلى، يەنى مىلادىن 528-يىلى پەرمان چۈشۈرۈپ تۈھدۈرگەن. قانۇنشۇناس ترىبونىئان (تەخمىنەن ؟ - 545) بۇ ئىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. ⅩⅡ ئەسىرگە كەلگەندە<دۆلەت قانۇنى قامۇسى> دەپ ئومۇملاشترۇپ ئاتىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە (1) <يۇستىنىئان قانۇنى> 12 توم بولۇپ، مىلادى Ⅱ ئەسىردىن Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۆتكەن رىم پادىشاھلىرى ئېلان قىلغان ئەمر - پەرمانلار توپلانغان؛ (2) <قانۇن - تەلىماتلار توپلىمى> 50 توم بولۇپ، ئالدىنقى خاندانلىقلار (ئاساسلىقى مىلادى Ⅱ - Ⅲ ئەسىر) دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر قانۇنشۇناسلارنىڭ قانۇننى ئىزاھلىغان ئەسەرلىرى، سۆز - ئىبارىلىرى توپلام قىلىنغان؛ (3) <قانۇن بوسۇغىسى> قانۇن قائىدىلىرى بايان قىلىنغان دەرسلىك ھېسابلىنىدۇ؛ (4) <يېڭى پەرمانلار> بۇنىڭغا مىلادى 534-يىلدىن كېيىن يۇستىنىئان ئېلان قىلغان ئەر - پەرمانلار كىرگۈزۈلگەن. <دۆلەت قانۇنى قامۇسى> پادىشاھنىڭ ئىرادىسى - قانۇن دېگەننى تەرغىپ قىلىپ، سىنىپىي پەرقنى ئېتىراپ قىلىپ، خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغدىغان. ئەينى ۋاقىتتا قۇللۇق تۈزۈمى كۈنسايىن زاۋالغا يۈز تۇتقانلىقتىن، <يېڭى پەرمانلار> قۇللارنى قويۇپ بېرىشكە يول قويۇپ، ئۇلارنى بېقىندى دېھقانلارغا ئايلاندۇرغان. <دۆلەت قانۇنى قامۇسى> رىم قانۇنلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، يېقىنقى زامان بۇرژۇئا قانۇنى سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.