Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېنتىن
بىئولوگىيە
<چىش ماددىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ چىشنىڭ ئاساسىي تەنىسى. چىش تاجىسىدىكى دېنتىنلارنىڭ سىرتىنى ئېمال ماددىسى قاپلاپ تۇرىدۇ. چىش يىلتىزى (چىش مىلىكىگە كۆمۈلۈپ تۇرىدىغان قىسمى) دىكى دېنتىنلار چىش سۆڭەك ماددىسىغا ئورۇلۇپ تۇرىدۇ. دېنتىن تەركىبىدە زور مىقداردىكى نېئورگانىك ماددىلار بولىدۇ. ئۇ سۆڭەك ماددىسىدىن سەل قاتتىق.