Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېنسۇشيانۇ
دۇنيا تارىخى
(1846 - 1911)، رومىنىيىلىك تارىخشۇناس، ئارخېئولوگ ۋە ئارخىپشۇناس. ترانسىلىۋانىيىدە تۇغۇلغان. 1877-يىلىدىن باشلاپ، رومىنىيە پادىشاھلىقىغا كۆچۈپ بارغان كېيىن كۇتۇپخانا خادىمى، بۇخارېست داشۆسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىسى بولغان. تارىختىن بۇرۇنقى داكىيەنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئۇزاق مۇددەت شۇغۇللانغان، تۆھپىسى كۆپ، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرى <تارىختىن بۇرۇنقى داكىيە> دىن ئىبارەت. يەنە ترانسىلىۋانىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى ھەققىدىكى <1784 - 1785-يىللاردىكى تارنسىلۋانىيە ئىنقىلابى> دېگەن ئەسىرىمۇ بار.