Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىنار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئالتۇن تەڭگە.
پۇل بىرلىكى.
قىپقىزىل، چاقناپ تۇرغان:
3. قويار سەدقەلەر دەپبۇ دىنارنى،
بىلىپ مۇئتەبەر ئول نىگۇنسارنى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
دىنار - ئوتتۇرا ئاسىيا قەدىمكى ۋە يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىشلىتىلگەن ئالتۇن پۇلنىڭ نامى ۋە پۇل بىرلىكى. <چاغاتايچە لۇغەت> تە: <دىنار - ئالتۇن تەڭگە، پۇل بىرلىكى، قىپ - قىزىل چاقناپ تۇرغان> دېگەن مەنىلەردە ئىزاھلانغان. <تۈركچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت> تە: <دىنار - ئالتۇن پۇل. لاتىن تىلىدىن كەلگەن> دېيىلگەن. موڭغۇللار دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا 2000 دىنار بىر ئالتۇن بالىشقا، 200 دىنار بىر كۈمۈش بالىشقا، 10 دىنار بىر قەغەز بالىشقا تەڭ بولغان (راشىدى: <تارىخىي ئومۇمىيە>، 1 - كىتاب، 220 - بەت).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە<لاتىنچە
ئالجىرىيە، تۇنىس، ئىراق، يەمەن، كۈۋەيت،يۇگوسلاۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇل بىرلىكى.
چاغاتاي خانلىقىنىڭ مىلادىيە 1318 - يىلىدىن 1326 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن خانى كېپەكخان تەرىپىدىن قۇيدۇرۇلغان كۈمۈش پۇل.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
تىللا پۇل نامى