Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىنامىك ستېرېئوتىپ
پسىخولوگىيە
بۇ چوڭ مېڭە پوستلىقى فۇنكسىيىنىڭ سىستېمىلىقلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىپادىسى، مەلۇم غىدىقلىغۇچ سىستېمىسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش سىستېمىسىدىن ئىبارەت. ئۇ كۈچى بىر خىل بولمىغان بىر قانچە مۇسبەت خاراكتېرلىك (قوزغىلىش خاراكتېرلىك) شەرتلىك غىدىقلىغۇچ بىلەن بىر مەنپىي خاراكتېرلىك (تورمۇزلاش خاراكتېرلىك) شەرتلىك غىدىقلىغۇچىنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئارىلاپ تەرتىپ بويىچە تەشكىللەنگەن ستېرېئوتىپ (قېلىپ) سىستېمىسىدۇر. ئورگانىزم بۇ ستېرېئوتىپ سىستېمىدىكى ھەر قايسى غىدىقلىغۇچنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىغا، خۇسۇسىيىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋىتىگە ماس ھالدىكى ستېرېئوتىپ سىستېمىسى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ. مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، بىر ئاجىز شەرتلىك غىدىقلىغۇچمۇ قالغان غىدىقلىغۇچلارغا ۋەكىللىك قلالايدىغان بولىدۇ. ئىلگىرىكى ۋاقىتچىلىك ئارىلىق قالدۇرۇپ غىدىقلانسىمۇ، ئىلگىرىكى ئىنكاس سىستېمىسى ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. مانا مۇشۇنداق قىلىپ دىنامىك ستېرېئوتىپ شەكىللىنىدۇ، بۇ چاغدا ھەر بىر غىدىلىغۇچ پەقەت باشلىۋېتىش رولىنىلا ئوينايدىغان بولىدۇ. ھەر بىر ئىنكاسنىڭ خاراكتېرىنى پۈتۈن دىنامىك ستېرېئوتىپ سىستېمىسى بەلگىلەيدۇ، بۇ سىستېما ئوبدان مۇستەھكەملەنگەندە ئورگانىزم كۆپىنچە غىدىقلىغۇچلار سىستېمىسىدىكى مەلۇم غىدىقلىغۇچ مەلۇم بولۇشتىن ئىلگىرىلا ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق ھالىتىگە ئۆتىدۇ. ھەتتا ئاجىز ئىنكاس بىلدۈرىدۇ. بەزىدە غىدىقلانمىسىمۇ، ئورگانىزمنىڭ ئىچكى قىسمىدا رېفلېكس خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەسىلەن : قوڭغۇراق ئاۋازى ، چىراغ يورۇقى، نەي ئاۋازى قاتارلىقلاردىن تەشكىل قىلىنغان غىدىقلىغۇچلارنىڭ دىنامىك ستېرېئوتىپ سىستېمىسى ئادەمگە تەسىر قىلىدۇ، نۇر بىلەن غىدىقلانغاندا مېڭىنىڭ ئارقا بۆلىكىگە قويۇلغان ئېلېكترو ئېنسېفالوگراممىدا تەڭ قەدەملىك يوقىلىدۇ، دىنامىك ستېرىئوتىپ شەكىللەنگەندىن كېيىن چىراغ يورۇقى ئورنىغا قوڭغۇراق ئاۋازى ئالماشتۇرۇلسىمۇ، مېڭىنىڭ ئارقا بۆلۈكىدىكى تەڭ قەدەملىك يوقىلىدۇ. غىدىقلىغۇچ سىستېمىسى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىنىپ بردىنلا توختىتىپ قويۇلىسمۇ، چىراغنىڭ يورۇش ۋاقتى كەلگەندە چىراغ يانمىسىمۇ، مېڭىنىڭ ئارقا بۆلۈكىدە تەڭ قەدەملىك ئوخشاشلا يوقىلىدۇ.