Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىلرەبا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆڭۈلنى تارتقۇچى، مەپتۇن قىلغۇچى:
گۈزەل، ساھىبجامال:
يار، مەشۇق، جانان:
1.خۇش ئىشۋە نەماۋۇ دىلرەباسەن،
ئەمما نېدىنكى بىۋەفاسەن.
ئەرشى.
2. دىلرەبالار باغرىنى لەئلى بەدەخشان ئەيلەگەي،
بىر نىگاھى غەمزەسىدىن گۇلئۇزارى كاشىغەر.
3. كۆرۈپدۇر بۇ خوتەندە يۈزۈڭنى، ئەي ماھى تابان،
فىراقۇ ھەجرىڭە، ئەي دىلرەبا خۇنخار، يىغالاتمە.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆڭۈلنى تارتقۇچى، كۆڭۈلنى ئالغۇچى، قىزىقتۇرغۇچى. كۆچمە مەنىسى: يار، مەھبۇب.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆڭۈل سۆيگەن كىشى، بىر - بىرىگە كۆيگەن ئىككى تەرەپنىڭ بىرى.
<ئاشنا>، <ئاداش> كۆپىنچە خوتۇنلۇق ئەر ياكى ئەرلىك خوتۇن ياكى بويتاق، تۇل ئەر - ئاياللاردىن بىر - بىرىگە كۆڭۈل بەرگەنلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
<دىلبەر>، <دىلدار>، <دىلرەبا> لار كىتابىي سۆزلەر، كلاس
بىر قول ئىككى ئىشنى قىلالماس زىنھار، بىر دىلغا سىغمايدۇ ھەرگىز ئىككى يار. يرىم چىقتى تالاغا، مېنى قويدى بالاغا. ئىككى ئالەمدە مېنىڭ نىگارىم بولسا يېنىمدا، بەس؛ يا بېھىش، دوزاخ، يا ھۈرۇ غۇلمان كېرەك ئەمەس. جاندىن كەچمىگۈچە، جانانغا يەتكىلى بولماس. ئاشناڭغا ئىشىنىپ، ئەرسىز قالما. ئاداش تاپتىم بازاردىن، خالاس بولدۇم قازادىن. باشقا تۈگمەن تېشى كەلگەندە ھەتتا، دىلبىرىدىن قايتسا دىل ئەمەس ئەسلا. دىلى كۆيگەنگە دىلرەبا بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
كۆڭۈلنى مەپتۇن قىلىدىغان، ئۆزىگە تارتىدىغان؛ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان، يېقىملىق؛ گۈزەل، ساھىبجامال، نازىنىن، چىرايلىق.
ناخشىنىڭ بۇ دىلرەبا ئاھاڭىنى زىكرى ئەلپەتتا ئىجاد قىلغان.
ئى. گۈزەل يار، سۆيگەن، ياخشى كۆرگەن كىشى، جانان؛ سۆيۈملۈكى.
دىلرەبا سەندىن زامان ئايرىلماقىم دىشۋاردۇر.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
دىلرابا
كۆڭۈلنى تارتىدىغان، جەزبىلىك، گۈزەل
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(پارىسچە)
دىلنى تارتقۇچى، قەلبنى مەپتۇن قىلغۇچى، جازىبىلىك.