Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېجۇدىكى بېييىڭ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېچۇ شەھىرىدىكى بېييىڭ مەھەللىسىدە. بۇ مەسچىت 1633 - يىلى سېلىنغان. مەسچىتنىڭ شەرقىدە سۇلۇ شاھى ( ؟ _ 1417 ) نىڭ مەقبەرىسى بار. بۇ مەسچىت شۇلىڭىدىكى خۇيزۇلار ۋە سۇلۇلارنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن سېلىنغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تىپىك ئوردا شەكلىدىكى ئىمارەت بولۇپ، سېرىق خىش، سېرىق كاھىش ئىشلىتىلىپ كاتتا سېلىنغان. 1982 - يىلى قايتا رېمونت قىلىنغان.