Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېدەكلىك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قۇل - دېدەك ھالەت.
ھۆرلۈك، ئازادلىق، ئەركىنلىك
ئەركىن - ئازاد ھالەت.
ھۆرلۈكنى ھېچكىم ساڭا سوۋغا قىلمايدۇ. مەنىۋى ئازادلىق - ھەممە ئازادلىقنىڭ ئاساسى. ھايات ھەممىدىن قىممەت، ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت، كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن، ئەركىن - ئازادلىق ئۈچۈن پەقەت. قۇللۇقتا ياشىغاندىن ئەركىنلىك ئۈچۈن جەڭ قىلىپ ئۆلگەن ئەلا. ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك - ئەركسىزلىك. دېدەك قىز دېدەكلىك دەردىنى تارتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. چاكارلىق (ئايال خىزمەتكەرلار ھەققىدە).
ئۇ لەئەل شاھ دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن خانىشنىڭ ۋەدىسى بويىچە دېدەكلىكتىن ئازاد بولۇپ لەئەل شاھنى تەربىيىلىگۈچى ئىنىكئانا بولدى.
سۈپ. دېدەكلەرگە خاس، دېدەكلەر كىيىدىغان.
- ساقايسۇن دېدىم بېشى، پاتىمە كىيسۇن دېدەكلىك كىيىمى، زۆھرە تاقىسۇن كېنىزەكلىك گۈل - تاجى، - دەپتۇ شاھزادە.